ئارگىنتىنا پۇتبول چولپىنى ئاگۇيرو يېڭى كوماندىغا باردى |
سىنا تورى تەنتەربىيە قانىلى بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، سېرگىئو كۈن ئاگۇيرو ئۆزىنىڭ twitter شەخسى بلوگىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ مانچىستېر شەھىرى كۇلۇبىغا رەسمى ئەزا بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاگۇيرو مۇنداق دېدى:«مەن ھازىر مانچىستېر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولدۇم،بۇ كۇلۇبقا ۋە بۇ شەھەرگە كەلگىنىمدىن ئېنتايىن خۇشالمەن.كۆپچىلىكنىڭ مېنى قارشى ئالغىنىغا ۋە مېنى قوللىغىنىغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن». ئارگىنتىنا ھۇجۇمچىسى شۇ يەر ۋاقتى چارشەنبە ئەتىگەن ئايرۇپىلان بىلەن مانچىستېر شەھىرىگە كېلىپ كۇلۇب باشلىقلىرى بىلەن بىر چۈشتىن كېيىن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ،بەش يىللىق توختامغا ئىمزا قويدى.ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا ،بۇ توختامنىڭ ھەپتىلىك مائاشى 225مىڭ ياۋرۇ بولۇپ ھازىرغىچە ھېچقانداق كوماندا بۇنداق باھا قويۇپ باقمىغانىكەن. بۇ يىل 23ياشقا كىرگەن ئاگۇيرو 2006-يىلى ئىسپانىيە مادرىد تەنھەركەتچىلىرى كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن.ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئارگىنتىنا مۇستەقىل كوماندىسىدا 3 يىل توپ ئوينىغان. مادرىد تەنھەركەتچىلىرى كوماندىسىدىكى مەزگىلىدە توختىماي يېتىلىپ ،ھازىر دۇنياغا مەشھۇر پۇتبول چولپىنى بولۇپ چىقتى ھەمدە مادرىد تەنھەركەتچىلىرى كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 09-10 مۇسابىقە پەسلىدە ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا ئالاھىدە لوڭقىسىغا ئېرىشتى.لېكىن بۇ شان-شەرەپلەر ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى توسالمىدى.ئۇ يەنىلا يېڭى مۇسابىقە پەسلى كېلىشتىن بۇرۇن ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئۆزىگە يەنە بىر يېڭى جەڭ ئېلان قىلدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-29 10:09:14 ئۇقۇلۇشى: 134 قېتىم] |
|