DNA نىڭ تورغا خۇمار بولۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار ئىكەن |
بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىن ئايرىۋېلىنغان DNA نى گېن كودى قىلىپ تۇرۇپ ئانالىز قىلغاندا، بالىلارنىڭ تورغا خۇمار بولۇش ئىستىكى بار يوقلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن، ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىلاردىكى تورغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن. تۈنۈگۈن، جۇڭنەن دوختۇرخانىسى ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزى خۇبېيدا تۇنجى قېتىم تورخۇمار گېنىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.
جۇڭنەن دوختۇرخانىسى ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزىدىكى زوۋشىچىڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بىر ئادەمنىڭ تورغا خۇمار بولۇش بولماسلىقى بىلەن سىرتقى ئامىللارنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن، تورغا ئاسانلا خۇمار بولۇپ قېلىش ئىستىكى تۇغما ئالاھىدە گېنلار بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولىدىكەن، بۇ خىلدىكى گېنلارنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئاسانلا تورغا خۇمار بولۇپ قالىدىكەن. تورغا خۇمار بولۇش گېنىنى ئېلىپ يۈرىدىغانلارغا نىسبەتەن ئالدىنئالا توسقۇنلۇق ۋە يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغاندا، باشقىچە شەكىلدە تەرەققى قىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ناۋادا تورغا خۇمار بولۇش ئىستىكى قوزغالغاندا، ماس ھالدىكى «تورخۇمارىنى تۈگىتىش» تەدبىرى قوللانمىغاندا، ئاقىۋىتى تېخىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز بولىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-26 10:41:27 ئۇقۇلۇشى: 305 قېتىم] |
|