ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق مەيدانىدا بىلەت ھايانكەشلىكى قىلىۋاتقان ئاتا-بالا قولغا چۈشتى |
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى:
20-ئىيۇل مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق مەيدانىدا بىلەت ھايانكەشلىكى قىلىۋاتقان ئاتا-بالا تۇتۇلغان. 14-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى مىڭخۇا كوچىسى ساقچىخانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلفۇنى تاپشۇرۋالدى. بىرەيلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىپ:« بىر ئادەم خەلق مەيدانىدا بىلەت ھايانكەشلىكى قىلىۋاتىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ساقچىلىرى دەرھال ھەركەتكە كىلىپ، خەلق مەيدانىغا يىتىپ بارىدۇ. دەرۋەقە ، بىر ياش خەلق مەيدانىدا بىلەت سېتىۋالغۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئارقىدىن بىر ياشانغان كىشى بۇ ئىككى كىشىگە يېقىنلىشىپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچىسى سودىلاشتى. ئەسلىدە ئوغلى خېرىدار ئۇقۇشىدىكەن، دادىسى بولسا بىلەت يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل ئىكەن. ئەمدىلا سودىنى پۈتتۈرەي دەپ تۇرىشىغا خەلق ساقچىلىرى بۇ ئاتا-بالا ئىككىسىنى تۇتتى ۋە نەق مەيداندىن 60 پارچە ساختا بىلەتنى قولغا چۈشۈردى. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاڭ نىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق چىڭشىن 2-كوچىسىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. كىيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆينى ئاختۇرۇپ ئۆيىدىن بىر كومپىيوتېر ، بىر پىرىنتېر، 134 پارچە ئىسىم كارتىسى، 175 پارچە ساختا بىلەت تاپتى. بۇ بىلەتلەرنىڭ بەزىلىرى ساياھەت كەسپىنىڭ، بەزىلىرى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ بىلەتلىرى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ دېلو تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۋېتىپتۇ. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن «بىلەت سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا بولغا جازامۇ ئېغىرلاشتى. يالغان بىلەت ياساپ، پىرىنتلاپ قانۇنسىز بىلەتكە ئېرىشكۈچىلەرنى ۋە شۇ ساختا بىلەتنى ساتقان، تارقاتقان، ساقلىغان، ئېلىپ يۈرگەن ۋە ئېۋەتكەنلەر، بىلەت تۇنۇشتۇرغانلار باج ئىدارىسى ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قارىتا 10 مىڭ يۈەندىن، 50 مىڭ يۈەنگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ. قانۇنسىز ئېرىشكەن بارلىق مال-مۈلۈكىنىڭ مۇسادىرە قىلىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-21 19:03:59 ئۇقۇلۇشى: 163 قېتىم] |
|