خايكېرلار تالىبان تورىدا « تالىبان كاتتىۋېشى ئۆمەر ئۆلدى»دېگەن خەۋەر تارقاتتى |
مەنبە: news.qq.com
2011-07-20 03:36
يەرشارى تورىنىڭ20-ئىيۇل خەۋىرى،ئىككى نەپەر تالىبان باياناتچىسى 20-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ،ئۇلارنىڭ تېلىفۇن، ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقى ۋە تالىبانلار تورىنىڭ خايكىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توردا تالىبانلار كاتتىبېشى ئۆمەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.بۇ ئىككى باياناتچى بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇپ چىقىلغان دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،« يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن»تالىبانلار كاتتىبېشى ئۆمەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆمەر پاكىستاندا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇپ، پاكىستاننىڭ غەربىدىكى Quetta شەھىرىدە بولۇشى مۇمكىنكەن. لېكىن پاكىستان ۋە تالىبانلار بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، ئۆمەر ئاففانىستان چىگرىسى ئىچىدە دېگەن. مۇجاھىت ئىسىملىك تالىبان باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تېلىفۇن ۋە ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ خايكىرلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ «ئويۇنى»بولۇپ، ئۇلار ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانماقچى ئىكەن. خەۋەردە يەنە، خايكىرلار مۇجاھىت ۋە بىر قىسىم تالىبان باياناتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئىشلەتكەن تېلىفۇن بۇ خەۋەرلەرنى تارقاتقان دەپ كۆرسىتىلگەن.بۇ خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:«تالىبانلار روھى رەھبىرى ئۆمەر ئۆلدى، ئاللا ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن» ئىكەن. بۇ يىل5-ئايدا، ئاففانىستاندىكى شەخسىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسى تالىبانلار كاتتىبېشى ئۆمەرنى ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلغان، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە پاكىستاننىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىپ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-20 17:17:15 ئۇقۇلۇشى: 434 قېتىم] |
|