ئامېرىكا ئەگەر كازافى تەخىتتىن چۈشسە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرى |
خەلق تورىنىڭ 20-ئىيۇل خەۋىرى:
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر كازافى تەختتىن چۈشسە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلقئارالىق تەپتىش تارماقلىرىنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىدىن ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوتتۇرا شەرىق ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارار مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى كازافىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى باشىر. سالىھ بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا چىقىرىلغان ئىكەن. «ئوتتۇا شەرىق گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش يولىنى تېپىش ئۈچۈن، كازافىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى فىرانسيە، ئەنگىلىيە ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچىراشقان. ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خەۋەلەردە ئاشكارلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشكىنى بولسا، لىۋىيە كىرزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئوتتۇرغا چىقىپ باقمىغان كازافى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى باشىر. سالىھ ئىكەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، باشىر كازافىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى بولۇپ، ئۇ كازافىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئامېرىكا بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ غەلبىلىك بولىشى ئۈچۈن، 10 كۈن ئىلگىرى باشىر. سالىھ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم تېلفۇندا ئالاقىلاشقان. ھەمدە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن يۇشۇرۇن تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئورنى تۇنىسنىڭ جەنۇبىدىكى جېربا ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. «ئوتتۇرا شەرىق گېزىتى» دە ئېيتىلىشىچە، سالىھ بىلەن بىللە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قاتناشقان لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوتتۇرا شەرىق گېزىتى مۇخبىرلىرىغا مۇنداق دىگەن:« ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى سالىھقا ئەگەر كازافى تەختتىن چۈشسىلا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ كازافى ئۈچۈن چىقىش يولى تېپىپ بېرىدىغانلىقى، ھەمدە كازافىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى، كازافىنى خەلقئارالىق تەپتىش تارمىقىنى قوغلاپ تۇتۇشى ۋە جازالىشىدىن ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى كازافىنىڭ چىكىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىگە بىر قاتار ئافرىقا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ تىزىملىكىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى «رىم كېلىشىمى» نى ئىمزالىمىغان بولۇپ، خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوتى كازافىنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئامالسىز قالاتتى». ئىسمىنى ئاشكارلانى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى:« ئامېرىكا ھۆكىمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنۇلارنى تەكىتلەپ: كازافى ئاخىرقى قارارىنى تىزراق چىقىرىشى، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقى لازىم. بولمىسا كازافى بىخەتەر چىكىنەلەيدىغان يەر تاپالمايدۇ. ئەگەر كازافى قانچە تىز ھوقوق تاپشۇرسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، دېدى». خەۋەر قىلىنىشىچە، سالىھ شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ تەكلىپىگە دەماللىققا ئىپادە بىلدۈرمىدى. پەقەت كازافىنىڭ ھېچقانداق ئالدنقى شەرت-شارائىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئومومىيۈزلۈك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپمۇ نىفىت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-20 17:15:49 ئۇقۇلۇشى: 229 قېتىم] |
|