بىل. گېيتىس نامىرات دۆلەتلەرگە 42 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى |
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 20-ئىيۇل يوللىغان تېلېگراممىسى:
«جۇڭگۇاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرۇغۇچىسى بىل. گېيتىس نامرات دۆلەتلەرنىڭ تازىلىق ئۆيى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، 42 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى. بىل. گېيتىس ئۆزى ۋە ئايالى قۇرۇغان فوندى جەمئىيەت ئارقىلىق بۇ ئىئانە پۇلىنى تەسىس قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى نامرات دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ ھاجەتخانا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ قالايمىقان يەرلەرگە تەرەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئىكەن. بىراق بىل. گېيتىسنىڭ يىراق غايىسى بولسا ، بۇ ياردەم پۇلى ئارقىلىق نامرات دۆلەتلەردە ئەمدىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان تازىلىق ئۆيى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەندە، تازىلىق ئۆيىدىكى چىقىرىندىلارنى يىغىپ ئۇنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-20 17:14:39 ئۇقۇلۇشى: 246 قېتىم] |
|