ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پارلامىنت رەھبىرى بىلەن 17-ئىيۇل ئاق سارايدا قەرز ئېلىش يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش توغرىلىق سۆھبەتلەشكەن،ئوباما ئىلگىرلەش بولماسلىقىغا قارىماي،بىراق ئوباما 18-ئىيۇل سۆھبەتتە ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوباما شۇ كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ باي بىل گېتىس ۋە باففېت بىلەن قەرز بېرىشىنىڭ يۇقىرى چېكى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.
مۇخبىر ئوبامادىن« زۇڭتۇڭ ئەپەندى، تۈنۈگۈنكى سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولدىمۇ يوق؟» دەپ سورىغاندا، ئوباما«بىز ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېگەن.
قەرز بېرىشنىڭ يۇقىرى چېكىدىكى سۆھبەتتە بۆسۈش بولمىغان بولۇپ، ئاقساراي باياناتچىسى كارنى ئوبامانىڭ ئۇلار بىلەن نىمىنى سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھەمدە كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دەرىجە باھالاش ئاپپاراتىنىڭ بىرى بولغان فىچ ئامېرىكىغا بېرىلىدىغان قەرز چېكىنى تۆۋەنلىتىشنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئاقساراي باياناتچىسى كارنى:« بىز پارلامېنت رەھبىرى ۋەدە قىلغاندەك، بىز بىلەن ھەمكارلاشسا، قەرز توختامىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن.
بىراق ئۇلار 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكىنىڭ قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.