ئۈرۈمچى ۋېنچۈەن شەرقىي يولىدىكى 12 دۇكانغا ئوت كەتتى |
ئۈرۈمچى تور تېلېۋىزىيىسى تورى خەۋىرى:
19-ئىيۇل سەھەر سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىسسىق بۇلاق شەرقىي يولى (温泉东路) دىكى بىر رەڭلىك پولات تاختا دۇكىنىغا ئوت كەتتى. بۇ ئوتنىڭ تەسىرىدە بۇ دۇكاننىڭ ئەتراپىدىكى 12 دۇكانغىمۇ ئوت كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى. سائەت 4:00 لەر ئەتراپىدا، مۇخبىر نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، يەردە چېچىلىپ ياتقان، كۆيۈپ كەتكەن پولات تاختىلارنىڭ ئارسىدا يەنە ئوت ئۇچقۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرىۋاتقانلىقىنى، ئەتراپتا بولسا دۇكاندارنىڭ دۇكاندىن ئېلىپ چىقىۋالغان بويۇملىرىنىڭ دۆۋلەكلىك تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زوت ئۆتنى ئۆچۈرۈش بىر قەدەر قىيىن بولۇپ، رەڭلىك تاختا ئۆيىنىڭ ئۆگىزىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئوت ئۆچۈرش بوقتىلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك ئىكەن. قاڭالتىرنىڭ سۇدىن ساقلىنىش رولى بولغاچقا، ئەگەر ئوت تۇتىشىپ كەتسىلا نەق مەيداننى كونتىرول قىلىش تېخىمۇ تەسكە چۈشىدىكەن. ئەتىگەن سائەت 5:30 دا ، زور ئوت ئاخىر ئۆچۈرۈلۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىمۇ قايتىشتى. نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئوت كىتىش سەۋەبىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ سۈرۈشتۈرۋېتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-19 15:51:56 ئۇقۇلۇشى: 182 قېتىم] |
|