تۈركىيە خەۋىپسىزلىك قىسىملىرى كورتلار قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشتى |
14-ئىيۇل تۈركىيىدىكى خەۋىپسىزلىك قىسىملىرى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كورت ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ، 18 ئادەم ئۆلدى، 7 ئادەم يارلاندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپىرى ئېغىر يارلاندى. تۈركىيىنىڭ دىيارباكىر ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى مۇستاپا. توپلاق 14-ئىيۇل ياپونيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:« تۈركىينىڭ خەۋىپسىزلىك قىسىملىرى شۇ كۈنى دىيارباكىر ئۆلكىسىدىكى شىرۋا ناھىيىسىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، كورت ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ تويۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ قاتتىق توقۇنۇشتى. بۇ توقۇنۇشتا 13 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرى قازا قىلدى. يەنە 7 نەپەر ئەشكەر يارلاندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپىرى ئېغىر يارلاندى». تۈركىيە ئانادولۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 نەپەر كورت ئىشچىلار پارتىيىسى قۇراللىق كۈچلىرى ئەزاسىمۇ بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئۆلگەن. كورت ئىشىچىلار پارتىيىسى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە، ئىراق، ئىران ۋە سۈرىيە چىگرالىرىدىكى كورتلار ئولتۇراقلارشقان رايونلاردا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. بۇ تەشكىلات 1980-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇراللىق كۈچىلىرى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسىم رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن. بۇ تەشكىلات ئەزالىرى دائىم تۈركىيە چىگىراسىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-15 12:43:28 ئۇقۇلۇشى: 362 قېتىم] |
|