تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ 2 ئادەم قازا قىلدى |
7-ئاينىڭ 14-كۈنى، تۈركىيە پاراخوتى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننى تارتىپ چىقارماقتا. تۈركىيەنىڭ T-37 تىپلىق ھەربىي مەشققە ئىشلىتىلىدىغان مەشق ئايروپىلانى شۇ كۈنى چۈشتە ئېگېي دېڭىزىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى بىر نەپەر تېرىنېر ۋە بىر نەپەر ئۆگەنگۈچى قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي قازا قىلغان. ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۈركىيە دېڭىز ساقچىلىرى قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ساقچى تەرەپ سۇ ئۈستى قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ بىر قىسىم قالدۇقلىرىنى ۋە قازا قىلغان ئىككى خادىمنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىققان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-15 12:42:02 ئۇقۇلۇشى: 264 قېتىم] |
|