لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلەر پايتەخىتكە قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارلاپ قويدى |
جۇڭگو خەۋەلەر تورىنىڭ 15-ئىيۇل يوللىغان تېلگىراممىسى:
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلشىىچە، لىۋىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارىشى ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەر تۈنۈگۈن (14-ئىيۇل) پايتەخىت تىرپولىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قوزغىغان. خەۋەلەردە كۆرسىتىلشىىچە، ئۆكتىچىلەرنىڭ جەڭ ماھارىتى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى ۋە خاتالىقى يېڭى بىر مەسىلىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئۇ بولسىمۇ: ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەر پايتەخىت تىرپولىغا غەلبىلىك ھالدا كىرەلەمدۇ-يوق؟ خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، لىۋىينىڭ پەيتەختى تىرپولىنىڭ غەرىبىگە 100 كېلومىتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى ئەل-قاۋالىش (Al-Qawalish) كەنتىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ قۇماندانى ئۇلارنىڭ قۇشۇن توپلاپ، شەرق تەرەپتىكى گاريان بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئورۇن تىرپولىغا بارىدىغان ئاساسلىق يول ئىدى. بىراق بىر كۈن ئىلگىرى لە-قارۋارىش كەنتىنى ساقلاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئوق-دورىلىرى خوراپ كەتكەچكە، كازافى قىسىملىرى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا بۇ ئۆكتىچى ئارمىيە ئەسكەرلىرى قېچىپ كەتكەن. شۇ كۈنى كەچتە ئالدىنقى سەپتىكى ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەر كەنىتنى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ ھۇجۇمدا 7 ئادەم ئۆلگەن. تومىي ئىسىملىك بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئارمىيە جەڭچىسى مۇنداق دېدى:« بىر تۈنۈگۈن كەلگەندىن بويان، ئىزچىل مۇشۇ يەردە تۇرۇپ كەلدۇق. بۇ يەر بىخەتەر بولمىغىچە بۇ بۇ يەدىن ئايرىلمايمىز. بۇ خاتالىقنى ئەمدى ھەرگىز سادىر قىلمايمىز. بىز ھەرگىز ئۆيگە قايتمايمىز». بىراق خەۋەلەردە قارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قارىشلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ چەكلىملىكنى ئاشكارلاپ قويغان. ئالدى بىلەن بۇ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ئېنىق بىر قوماندانلىق قۇرۇلمىسى يوق. ئىككىنچىدىن، ئۇلار «قەتئىي ئىرادە» گە تايىنىپ كازافى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان بولۇپ، كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى تۈزۈك ھەربىي مەشىق كۆرمىگەن پىدائى ئاممىدىن ئىبارەت.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-15 12:40:24 ئۇقۇلۇشى: 293 قېتىم] |
|