ئوباما:لىۋىيە كىرىزىسىنى شەرتلىك سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايمەن |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 11 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 11 – ئىيۇل رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بىلەن تېلېفونلاشقاندا: پەقەت لىۋىيە رەھبىرى كازافى تەخىتتىن چۈشسىلا، ئامېرىكا تەرەپ لىۋىيە كىرىزىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدۇ، دېدى.
ئاقساراي شۇ كۈنى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تېلېفونلاشقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوباما رۇسىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، پەقەت كازافى تەختتىن چۈشسىلا، ئامېرىكىنىڭ ‹‹لىۋىيەنى دېموكراتىيەگە ئۆتۈشكە باشلايدىغان سۆھبەتنى قوللاشقا تەييار›› ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يىل 91 – مارتتىن باشلاپ لىۋىيەنى بومباردىمان قىلغان، ش ئا ئە ت لىۋىيەنى بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىنى 13 – مارت ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈۋالدى. رۇسىيە ش ئا ئە ت باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەتنىڭ لىۋىيەگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇپ كەلدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-15 12:39:06 ئۇقۇلۇشى: 250 قېتىم] |
|