بۇنىڭدىن كېيىن،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا پىرا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بارلىق كۇرسانتلار پىراۋا ئېلىشتىن ئىلگىرى قەسەم بېرىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى:« قەسەم بېرىش ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشنى ئۆگەنگۈچى شوپۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن زۆرۈر ھالقا، بۇ شوپۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، بۇلتۇرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ قاتناش ساقچى تارماقلىرى پىراۋا ئالغۇچىلارنى پىراۋا ئېلىشتىن ئىلگىرى قاتناش بىخەتەرلىكى دەرس ئاڭلاش،قەسەم بېرىش ھالقىلىرىنى تاماملاشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى».
ئېگىلىنىشىچە،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەشنى ئۆگەنگۈچى شوپۇرلارنىڭ پىراۋا ئېلىشتىن ئىلگىرى قەسەم بېرىشى مەسئۇلىيەت ھەم بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.