7-ئاينىڭ5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننور شەھىرىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات تۈپەيلى توك سوقۇۋېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 5 ئادەم قازا قىلىپ،2 ئادەم ئېغىر يارلانغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن،باياننور شەھەرلىك كومىتىت،ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى تېزلىكتە قەن مەيدانغا يېتىپ كېلىپ،ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان،پۈتۈن كۈچ بىلەن يارلانغانلارنى قۇتقۇزغان ۋە قۇرلۇش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى،قۇرۇلۇش كومىتىتى،جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار تېزلىكتە كۈچ تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئالاقىدار مەسئۇل خادىم توختىتىلىپ قويۇلغان.
نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە قېپقالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋىتىپتۇ.