4-ئىيۇل ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتىدىن ئېگىلىنىشىچە،26-ئاپىرىلدىن باشلاپ«بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ كېتىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش» مەخسۇس تۈر ھەركىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان،كۆرنەرلىك نەتجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە،شىنجاڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر،رايون)لەردىكى امائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ،66 شايكىغا بىرلىكتە زەربە بېرىپ،جىنايەت گۇماندارىدىن332 نى قولغا ئالغان ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن138 بالىنى قۇتقۇزغان.