ئىسپانىيە تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق ئۈچ خايكېرنى قولغا ئالدى |
ئۇنىۋېرسال چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە ساقچى دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:« بىز نۆۋەتتە قولغا ئالغان ئۈچ گۇماندار بولسا كومپيۇتېر خايكېرى، ئۇلار بەلكىم يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن سونىي تورىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن». ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارى خەلقئارالىق خايكېرلار تەشكىلاتى «نامىنى يوشۇرغۇچى» نىڭ ئەزالىرى ئىكەن. ئۇلار پايدىلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ، ئىسپانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەرنىڭ كومپيۇتېرلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، يامان خاراكتېرلىك سىستېمىنى ئىجرا قىلىپ، سونىي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىگە زور مىقداردا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، مەزكۇر تور بېكەتلەرنىڭ نورمال تىجارىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلغان. «نامىنى يوشۇرغۇچى» 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تور بېكەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، سونىي شىركىتىنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ئەر خايكېرنىڭ ئۈستىدىن ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئالغان. بۇ ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ بۇ دېلوغا قاتناشقانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. بۇ خايكېرلار سونىي شىركىتىنىلا نىشان قىلغان بولماستىن بەلكى، يەنە ئىسپانىيىنىڭ بانكىلىرى، ئىتالىيەنىڭ شىركەتلىرى ھەمدە ئىسپانىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلغانىكەن. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېيىلدى:«بۇ ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا قاتارلىق جايلىرىدا قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 30 ياشلاردىن ھالقىغان ئسىپانىيەلىك». ئەمما ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى:«ئىسپانىيە ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ مەخپىي ئاخباراتلارنى ئوغرىلىغانلىقى توغرىسىدا نۆۋەتتە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرەلمىدى. شۇڭلاشقا، سونىي شىركىتىنىڭ تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، يۈز مىليوندىن ئارتۇق شەخسىي ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەسىنى بۇ ئۈچ نەپەر كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايمىز».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-11 20:34:00 ئۇقۇلۇشى: 422 قېتىم] |
|