خايكېرلار ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ شىفىرىنى ئوغرىلاپ كەتتى |
ئالاقە تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈندىكى خەۋىرى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى InfraGard ئالدىنقى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاتلانتا شۆبە جەمئىيىتىدە 180 گە يېقىن ھېساب نومۇرى ۋە شىفىر ئوغرىلىنىپ، ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىنىپ كەتتى». InfraGard بولسا ئامېرىكا ئەمەلىي ۋە ئالاقە تورى ئەسلىھەلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بار ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىغان ئورگان ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاتلانتا ئەزا جەمئىيىتىنىڭ باش لېدىرى پاۋېل فارلىي (Paul Farley)) مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بۇ بىر قىسىم ھېساب نومۇرى ۋە شىفىرلار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ ئىدى. بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ تور بېكىتىمىزگە ھۇجۇم قىلدى، بىز نۆۋەتتە بۇ ھۇجۇمنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەمدە خايكېرلارنىڭ قانداق ئۇسۇلدا شىفىرنى ئوغرىلىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدۇق». تور خايكېرلار تەشكىلاتى Lulz Security ئالاقە تورىدا بۇ بىر قىسىم شىفىرلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بىر قىسىم شىفىر ئابونتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى، ئالاقە تورى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ۋە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى تېلېگراف شىركەتلىرى ئىكەن. Lulz Security نىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:«بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شىفىردىن پايدىلىنىپ، Unveillance دىن كەلگەن CEO نىڭ 1000 نۇسخىدىن ئارتۇق ماتېرىياللىرى ۋە شەخسىي ئې-خەتلىرى ئوغرىلىنىپ كەتتى». ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە بۇ بىر قىسىم خايكېرلارنىڭ قىلمىشىدا ئورۇش ھەرىكىتى مەقسەت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى جىددىي مۇلاھىزە قىلىۋېتىپتۇ. Lulz Security نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بۇنىڭغا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىشقا بىلدۈرگەن ئىنكاسى ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-8 12:25:35 ئۇقۇلۇشى: 340 قېتىم] |
|