ئاسترونوملار يېڭى «سامانيولى» نى بايقىدى |
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، Max Planck تەتقىقات مەركىزى ۋە ياۋرۇپا جەنۇب رەسەتخانىسىنى بىرلىكتە، چىلى لاسسىلادىكى 2.2 مېتىرلىك تېلېسكوپ ئارقىلىق سامانيولى سېستىمىسىنىڭ «قېرىندىشى» نى سۆرەتكە تارتىۋالغان. بۇ سىپرال يۇلتۇزلار سىستېمىسى NGC 6744 نىڭ يوقىرىدىن تارتىلغان رەسىمىگە باشقا بوڭۇڭدىن قارىغاندا، خۇددى سامانيولى سېستىىسىغا ئوخشايدىكەن. بۇ غايەت زور سىپرال يۇلتۇزلار سىستېمىسى يەر شارىغا تەخمىنەن 30 مىليۇن يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان بولۇپ، توز يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە توغرا كېلىدىكەن. رەسىمدىن قارىغاندا، بۇ يۇلتۇزلار تۈركۈمى يەر شارىغا ئوڭ تەرىپىنى قىلىپ تۇرىدىكەن. چوڭ كىچىكلىكىنى نەزەرگە ئالمىغاندا، يۇلتۇزلار سىستېمىسى NGC 6744 سامانيولى سېستىمىسىنىڭ تەتۈر ھالىتىگە ناھايىتى ئوخشايدىكەن. بىز ياشاۋاتقان سامانيولىنىڭ دىئامېتىرى 10 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، يۇلتۇزلار سىستېمىسى NGC 6744 نىڭ بولسا بۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كېلىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-2 11:05:28 ئۇقۇلۇشى: 532 قېتىم] |
|