ئېينىشتېيننىڭ قارىشىچە كەلگۈسى بىر پارچە زۇلمەت ئىكەن |
cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئالەم بارغانسېرى يوقىلىشقا يۈزلەنمەكتە. ئاۋسىتىرالىيەنىڭ كوسمولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:«ھازىر كىشىلەرنىڭ يەرشارىنى مۇقىم ئورنىدىن يۆتكەۋاتقان بىر كۆرگىلى بولمايدىغان كۈچ مەۋجۇت دەپ قاراشماقتا، ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلغىنى بولسا ئىنسانلار بىرىنچى قېتىملىق چوڭ پارتلاشنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇنقى ئالەمنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت. ئۇ ۋاقىتتا، ئالەم قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى ئىتتىرىش كۈچى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىدىن چوڭ بولۇشقا باشلىغانىدى. winburne ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Cress Black مۇنداق دېدى:« ئۇلارنىڭ تۆت يىلدىن بۇيانقى 200 مىڭدىن كۆپرەك يىراق يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆزىتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل سىرلىق كۈچ بولسا ئالەمدە ئەسلىدىن بار بولغان بىر خىل ئالاھىدىلىكتۇر. ئەڭ بۇرۇن ئىتتىرىش كۈچىنىڭ ھەممە جايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئەڭ بۇرۇن 1988-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى كوللېكتىپ ئالەمنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كىشىلەر قىياس قىلغاندەك ئاستا سۈرئەتتە كېڭەيمەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. Cress Black دوكتۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ‹يوشۇرۇن ئېنېرگىيە› دەپ قارالغان ‹ئالەم كونستانت› كۆز قارىشىنى قوللايدۇ. ئەمما بۇ كۆز قاراشنى تەخمىنەن بىر ئەسىر بۇرۇن ئالىم ئېينىشتېين ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېمە ئۈچۈن ئالەمنىڭ ئۆزلۈكىدىن گۈمۈرۈلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىشلەتكەنىدى. ئەمما، بۇ ئالىم بۇ خىل كۆز قاراشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى دەپ قاراپ ۋاز كەچكەنىدى. ئەمما ئاخىرى ئۇ توغرا قىلدى، ئېينىشتېيننى ئاغدۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ». يۇلتۇزلار سىستېمىسى ۋە يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپىنىڭ شەكىللىنىش تېزلىكىگە ئائىت ئىككى پارچە تەتقىقات ماقالىسى «خان جەمەتى ئاسترونومىيە جەمئىيىتى ئايلىق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغانىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-29 16:27:57 ئۇقۇلۇشى: 611 قېتىم] |
|