ئىنسابسىز تىجارەتچىلەرگە سۈكۈت قىلماڭ |
يېقىندا دوختۇرخانىغا قېيىنئانامنى يوقلاپ باردىم ۋە دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى تاللا بازىرىدىن تۇخۇم، مېۋە سېتىۋالدىم. كېسەلخانىغا كىرگەندىن كېيىن، يەشىكنى ئېچىپ يېرمىغىچە ۋاقتى ئۆتكەن تۇخۇم قاچىلانغانلىقى، مېۋە سېۋىتىنىڭ ئاستىغا سېسىق، ئۈستىگە يېڭى مېۋىلەر قاچىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال تاللا بازىرىغا چىقتىم، خوجايىن بىرمۇنچە چۈشەندۈرۈپ نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. قىسمەن تىجارەتچىلەر سودىدا ئۇستاتلىق قىلىپ ئىستېمالچىلارنى ئالدايدۇ. ئۇلار سوۋغات قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ سوۋغات ئېلىپ كەلگۈچىلەرگە «بىزگە بۇزۇلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپسىز» دېمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئويۇننى ئويناۋېرىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەرگىز سۈكۈت قىلماسلىق كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، ھوقۇقىنى قوغدىغان تۈزۈك. شۇندىلا بۇنداق ئىنساپسىز تىجارەتچىلەر ئازلايدۇ.
ــــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-26 21:13:14 ئۇقۇلۇشى: 291 قېتىم] |
|