

بازا تەشكىلاتىنىڭ ئاقساقىلى بىن لادىن 4- ئاينىڭ 30 - كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ، 24 سائەتنىڭ ئىچىدە ئەرەپ دېڭىزىغا دەپنە قىلىندى ، ھەر قايسى ساھەلەر ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەزەلدىن بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمىگىنىگە ئۈزلۈكسىز گۇمانلىنىپ يۈرەتتى. دېڭىز دەپنىسىگە مەسئۇل بولغان ئاۋىئاماتكاCarl Vinson پورتتا توختاپ 4 كۈن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ھەربىي تەرەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئەسكەرلەرنىڭ بىن لادىن ئىشى توغرىلىق ھېچنىمە ديىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ، ئاندىن قىرغاققا چىقىپ مەيخانىدا تەنتەنە قىلىشتى ، ئەمما بۇ ۋەزىپىگە قاتناشقان بىر ئەسكەر شياڭگاڭ مۇخبىرىغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى .
شياڭگاڭ ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە Carl Vinson ناملىق ئاۋىئاماتكا پورتقا يېتىپ كەلگەندىن كىيىن ، زور مىقتاردىكى ئەسكەرلار مەيخانىغا كىرىپ ھاراق ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىشقان ، مۇخبىرخېرىدار قىياپىتىدە ئۇ يەرگە كىرىپ ئىككى ئەسكەردىن بىن لادىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سورىغاندا ئۇلاريۇقىرىنىڭ بۇيرىقى بىلەن بۇتوغرىلىق ھېچنىمە دىمىگەن ، بىراق بىردەم پاراڭ سېلىشقاندىن كىيىن ئارىسىدىكى بىرى خىزمەتچىدىن قەلەم سوراپ قەغەزگە ئاۋىئاماتكا ، سۇ ئاستى كېمىسى ۋە بىن لادىننىڭ جەسىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جىسىمنىڭ سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاددى قىلىپ سىزىپ بەرگەن .
بۇنىڭدىن شياڭگاڭ مۇخبىرى مۇنۇلارنى بىلدى ، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىن لادىننىڭ جەسىدىنى ئاق لاتىغا ئوراپ ئۇنى ئېغىر خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ، بىر نەپەر ھەربىي ئىسلام دىنى تىكىستىىنى ئوقۇغاندىن كىيىن يەنە بىرى ئۇنى ئەرەپچىگە ئۆرۈپ ئوقۇدى .پەندنامە ئوقۇش تاماملانغاندىن كىيىن جەسەتنى تۈز تاختىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئاندىن ئۇنى ئاستا - ئاستا يانتۇ قىلىپ ئەرەپ دېڭىزىغا غەرق قىلدى . مۇراسىم تەخمىنەن 45 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتى ، ئامېرىكا ئارمىيىسى نەق مەيداننىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشنى سىنئالغۇغا ئېلىۋالدى . سۇ ئاستى كېمىسى دېڭىز تېگىدە تۇرۇپ جەسەتنىڭ ئونمىڭ چى چوڭقۇرلۇققا چۆكۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى .