رومىنىيەدىن نەچچە يۈز جەسەت كۆمۈلگەن قەدىمكى يارداڭلىق قەبرىستانلىقى بايقالدى |
شىنخۇا تورىنىڭ 24-ماي تېلىگراممىسى، رومىنىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى كونستانچا ناھىيىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى ئىش مەيدانىدىن 9-ئەسىردىكى قىشلاق ۋە نەچچە يۈز جەسەت كۆمۈلگەن قەدىمكى يارداڭلىق قەبرىستانلىقى بايقالغان. قەدىمكى قىشلاق ۋە يارداڭلىق قەبرىستانلىقى پايتەخت بۇخارېستتىكى قارا دېڭىز ساھىلى كونستانچا شەھىردىكى «قۇياش» يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى ۋالۇلۇي ترايان بازىرىدىكى ئىش مەيدانىدا بايقالغان. قۇرۇلۇش ياز پەسىللىك توشۇش ۋاقتىدىن بۇرۇن تاماملىنىپ بولۇش تەلەپ قىلىنغانلىقتىن، ئارخېئولوگلار ئىككى ھەپتە ئىچىدە قېزىش خىزمىتىنى تاماملاپ بۇلۇشى كېرەك ئىكەن. قەدىمكى يارداڭلىق قەبرىستانلىقىنىڭ بىر تەرىپىدىن نۇرغۇنلىغان تاشتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەر بايقالغان بولۇپ، ھەربىر ئۆيدە 2-3 كىچە ئادەم تۇرغىلى بولىدىكەن. ئارخېئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردە ياشىغان كىشىلەر قوي بېقىشنى ئاساس قىلغان، تېرىقچىلىق بىلەنمۇ شوغۇللانغان ئىكەن. قەبرىدىن بايقالغان برونزا ۋە تۆمۈر بويۇملاردىن بۇ قىشلاقتىكى كىشىلەرنىڭ ناھايىتى باي ئىكەنلىكنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. قەبرىستانلىقتا نۇرغۇن جەسەت ساندۇقى ۋە تاشتىن قوپۇرۇلغان ئويما نەقىشلىق قەبرىستان ئۆيلىرىمۇ بار ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رومىنىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دوبروگېئا رايونى رىملىقلار ئايرىلغاندىن كېيىنكى 7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە تارىخىي ماتىرىياللاردا ئىنتايىن ئاز تىلغان ئېلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا، ئارخېئولوگلار«قۇياش»يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى بويىدىن مىلادىن بۇرۇنقى يۇنان ۋە رىم دەۋرىدىكى نەزىر-چىراغ لەخمىسى ۋە قەبرىلەرنى بايقىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-25 23:08:09 ئۇقۇلۇشى: 503 قېتىم] |
|