بىڭ (مىكروسوفت)نىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى |
cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Jefferies نىڭ ئانالىزچىسى Youseff Squali مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«گەرچە 4-ئايدا مىكرروسوفتنىڭ ئىزدەش ماتورى بىڭنىڭ ئىزدەش بازىرىدىكى قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مىكرسوات بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىدى». تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شىركىتى comScore نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 4-ئايدا گۇگېلنىڭ ئامېرىكا ئىزدەش بازىرىدىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتى %65.4 بولغان، ياخۇنىڭ %15.9، بىڭنىڭ %14.1 بولغان. بۇ يىل 3-ئايدىكىگە سېلىتۇرغاندا، بىڭنىڭ 4-ئايدىكى بازار ئىگىلەش نسىبىتى 0.2 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئەمما مىكرروسوفت بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەم تۆلىگەن. مىكروسوفتنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان 2011-يىلى ئۈچىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، مىكرروسوفت مەشغۇلاتتىكى لىنىيە كەسپىدە 726 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان. Squali يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:«%64 تى پەقەتلا گۇگېلنىڭ ئۈستەل يۈزى ئىزدەش مۇلازىمىتى بازىرىدىكى سىغىمچانلىقىدىن ئىبارەت. نۆۋەتتە گۇگېلنىڭ كۆچمە ئىزدەش بازىرىدىكى سىغىمچانلىقى %97 كە يەتتى».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-12 15:40:32 ئۇقۇلۇشى: 370 قېتىم] |
|