ئالما بىلەن مىكروسوفتنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى بىلەمسىز |
TechWeb تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈندىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى ئالما شىركىتى ۋە مىكروسوفت شىركىتىدە خىزمەت قىلغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پەرقلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن:«مىكروسوفت باشقىلار تونۇپ يەتمىگەن كىرىم مەنبەسىنى تېپىشنى ئويلايدۇ، ئاندىن نېمە قىلىشنى بېكىتىدۇ؛ ئەمما ئالما شىركىتى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ ئاۋۋال ئۇلۇغ مەھسۇلات لايىھەلەيدۇ، ئاندىن ئۇنى سېتىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ. شۇڭلاشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلى تىپى بىلەن ئۈلگە نۇسخىسى سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ». دېمىسىمۇ، ئەمەلىيەت شۇنداق. مىكروسوفت بەزىدە سودا شەكلىگە ماس كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ. مەسىلەن، سېزىمچان ئېكرانلىق تاختا كومپيۇتېر Surface نى مىسالغا ئالساق، ئۇ 2007-يىلى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ماس كەلگۈدەك ھېچقانداق سېتىش يوللىرى ۋە سېتىش ستراتىگىيەسى، ھەتتا مۇقىم باھاسىمۇ يوق ئىدى. ئەممە Surface بىر تەتقىقات تۈرىدە مەزكۇر شىركەت سېزىمچان ئېكران تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئالما شىركىتىگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماقچى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا مىسالغا ئالساق، مىكروسوفت 2001-يىلى مىكروسوفت HailStorm نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بىر تۈرلۈك ساقلانغان ئابونتلار سانلىق مەلۇماتى ئىشلىتىلگەن تور مۇلازىمىتى ئىدى. مەھسۇلات ئەترىتى نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ ئەسلى تىپىنى قۇرۇپ چىققان. ئەمما ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. تېخى مىكروسوفت ئۇنىڭدىن نېمە سەۋەبتىن ۋاز كەچكەنلىكى توغرىلىق چۈشەندۈرۈشمۇ بەردى. لېكىن ئەڭ چوڭ سەۋەب شۇ ئىدىكى، مىكروسوفت قانداق قىلىپ بۇ ئەسلىھەدىن پۇل تېپىشنى بىلەلمىگەنىدى. ئالما شىركىتىنىڭ تەبىئىي تالانتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەنلىكىدە بولۇپلا قالماستىن، ئاشۇ تەسەۋۋۇرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مىكروسوفتنىڭ نۇرغۇن تەسەۋۋۇرلىرى رەقىبى تەرىپىدىن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلغان. مىسال ئالساق، 2002-يىلى مىكروسوفت بىر ئەقلىيفۇن ۋە كۆپ شەكىللىك تاختا كومپيۇتېر ئىشلەپچىقارماقچى بولغانىدى. ئەمما مىكروسوفت قانداق قىلىپ بۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى بىلەلمەي قالدى. نەتىجىدە بۇ ۋەزىپىنى ئالما ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-10 19:21:42 ئۇقۇلۇشى: 348 قېتىم] |
|