ئالما گۇگېلدىن ئېشىپ، ئەڭ داڭلىق ماركا بولۇپ قالدى |
Cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى، BrandZ تور بېكىتى 100 كۈچلۈك داڭلىق ماركا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالما گۇگېلدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتكە ئىگە داڭلىق ماركىغا ئايلانغان. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە ئېلان شىركىتى WPP Plc نىڭ بىر بالا شىركىتى Millward Brown تەھرىرلىگەن بۇ تىزىملىكتىن كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ پاي بازىرىدىكى قىممىتى 319 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئەمما گۇگېل شىركىتىنىڭ بولسا 172 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. رەسىم 01 Millward Brown شىركىتىنىڭ پۈتۈن يەرشارى BrandZ تۈرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى Peter Walshe نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى ئىنكاس قىلغان. ئالما مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلار ناھايىتى زارىقىپ كۈتىدىغان مەھسۇلات بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە شىركەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك مەھسۇلات ئىكەن. ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكا جەھەتتىن پۈتۈن يەرشارى يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا مۇتلەق يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 10 داڭلىق ماركىنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئالتىسى يۇقىرى-تېخنىكا شىركەتلىرى بولۇپ، بۇلار ئالما، گۇگېل، IBM، مىكروسوفت، AT&T ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ تىزىملىكتە ئالما شىركىتى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 9- رەتكە تىزىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-9 18:43:06 ئۇقۇلۇشى: 381 قېتىم] |
|