64% جۇڭگولۇق تورداش ھەر كۈنى تورغا چىقىدىكەن |
شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى، «%64 جۇڭگولۇق تورداش ھەر كۈنى تورغا چىقىدۇ، ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە تورغا چىقىش ۋاقتى 11 سائەتكە يەتتى. ئىستېمالچىلارنىڭ سىفىرلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سەرپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش كۆرۈلۈۋاتىدۇ. تېلېۋىزوردىن باشقا، ئەنئەنىۋى ۋاسىتىلەرگە سەرپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلۈۋاتىدۇ. تور نۆۋەتتە ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېۋىزورىغا ئايلانغاندىن كېيىن، يەنە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىدىكى ئۈنۈملۈك مەنبەگە ئايلاندى». يېقىنقى كۈنلەردە سىۋېي بازار تەكشۈرۈش شىركىتى، CIC ھەمدە AdMaster جىڭ شوۋ پەن-تېخنىكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئالاقە تورى دەۋرىدىكى بازار تەتقىقاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش» يىغىنىدا سىۋېي دا جۇڭخۇا رايونى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنىڭ باش لېدىرى ۋە باش دىرېكتورى سوڭ فۇ يۈەن يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇمات ۋە ئاخباراتنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ «IT دەۋرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن:«يانفون بارغانسېرى ئالاقىلىشىش ئىقتىداردىن ئېشىپ، ئۇچۇر ۋە كۆڭۈل ئېچىشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. نورمال ئەھۋال ئاستىدا كىشىلەر ھەر ھەپتىسىگە 3.2 سائەت سۆزلىشىدۇ. ئەمما يانفوننىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋاقىت 5.8 سائەتتىن ئېشىپ كەتتى». ئۇنىڭدىن باشقا، سى ۋېينىڭ «يەرشارى يۈزلىنىشى» دېگەن تەتقىقات تۈرىدە كۆرسىتىلگەن سىفىرلىق ۋاسىتە ئىستېمال ھەرىكىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقتا تورداشلارنىڭ تۈرلۈك تور پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە كورىيەگە ئوخشىشىپ قالىدىكەن. بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ مەزمۇنى مول بولۇپ، توردا كىنو، تېلېۋىزور، رەسىم كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش ۋە ئويۇن ئويناش... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىياتىغا يۈزلىنىپ، ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەردە ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇش چەمبىرىگە بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە، كۆڭۈل ئېچىش سىفىرلىق ۋاسىتە سىستېمىسىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-9 18:42:08 ئۇقۇلۇشى: 295 قېتىم] |
|