تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
توپنى ياخشى ئوينىغا.. | NBA ئىككى تەرەپ سۆھبى.. | پائۇل باشقىلارنىڭ ك.. | ۋاسكىتبول چولپىنى ج.. | كوبى ئىتالىيە توپ م.. | جۇڭگو ئامېرىكا مائا.. | كىنۇ ئارتىسى ئەنجىل.. | شاكىرا يۈزسىزلىك قى.. | |
|
|
ئالىملار مېڭىدىكى ئازابنى يۇيۇۋېتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپتى |
cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كاللىسىدىكى ئازابلىق ئەسلىمىلەردىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكىلىق بىر ئالىم ئۆزىنىڭ بىر باياناتىدا مەزكۇر ساھەدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئازابلارنى يۇيۇۋېتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بايقىغان. ئۇ PKM دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاقسىلنىڭ كىشىلەر ئازابلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەتقىقات توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالە «نېرۋا سىستېمىسى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ خىل ئۇسۇل يارىلانغاندىن كېيىن جىددىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كونا ئەسكەرلەر ۋە باشقىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغۇچىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ لوس ئانژىلىس تارماق مەكتىپىدىكى داۋىد.گلانزمان (David Glanzman) پروفېسسور مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن بىز ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ ۋوڭ مېڭە خاتىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ، چوڭ مېڭىدىكى ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى ئازايتالايمىز، دەپ قارايمەن». گەرچە بۇ تەتقىقاتنى قىسقا مەزگىل ئىچىدە رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزدىكى ئازاب خاتىرىسى رايونلىرىنى ئايرىپ چىقىش ھەمدە ئازابلىق خاتىرىلەرنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلاردا رولى زور ئىكەن. داۋد.گلانزمان:«بىز بۇنى ئۆستۈرۈش قاچىسىدىن پايدىلىنىپ، رېئاللىققا ئايلاندۇرساق بولىدۇ، ئۆستۈرۈش قاچىسىدىكى نېرۋا ئېلېمېنتى بىلەن چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا ئېلېمېنتنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق». داۋد.گلانزمان ساڭلىق نېرۋا سىستېمىسى ئالىمى بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بىز ئادەم بەدىنىدىكى جانتىنا ئۇرۇقدىشى بىلەن قاپقاقلىق ئۆستۈرۈش قاچىسىدىكى نېرۋا ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خاتىرىلەش مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئاجىزلاتقىلى ۋە ئۆچۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق». تەتقىقاتچىلار جانتىنا ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى PKM نى تەتقىق قىلغان، چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاقسىل بىر خىل ئاددىي خاتىرىلەش قۇرۇلمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقىنى سەزگۈرلەشتۈرۈش رولىنىڭ ئاددىي خاتىرىسى بولۇپ، ئەگەر جانتىنا ئۇرۇقدىشى زەربىگە ئۇچرىسا ئۇ زەربىگە مۇھىتىغا قارىتا سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدىكەن. داۋد.گلانزماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل بىلىشىنىڭ ئاساسى شەكلى ھاياتلىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىكەن. ئۇلار نۆۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇزۇن مەزگىللىك خاتىرە مەزمۇنلىرىنى ئۆچۈرگەن بولۇپ، بۇلار جانتىنا ئۇرۇقدىشى ۋە ئۆستۈرۈش قاچىسىدىكى نېرۋا ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خاتىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەتقىقات تۇنجى قېتىم بۇ ئىككى نېرۋا ئېلېمېنتى ئارىسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك خاتىرىنى يۇيۇۋەتكەنلىكىنى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-5 10:17:59 ئۇقۇلۇشى: 476 قېتىم] |
|
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
يېڭى جوڭگو قۇرۇل.. | يېڭىلىق يارىتىش .. | قىززىقارلىق سۇلي.. | «دۇنيا مودىل قىز.. | شەنشى ئالاھىدە ب.. | سەنيادىن قوزغالغ.. | مۆجىزە يۈز بەردى.. | كىلىستىيانو. لون.. | پەخىرلىك ئوغلانم.. | ئاتا-ئانا ئاجرىش.. | خۇجىنتاۋ ئامېرىك.. | گىرۋائېسنىڭ رېيا.. |
|
|
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 -
17)
, ئالاقىلىشىش
تىلىفۇنى : 13139663453
, 新ICP备10001556号 |
|