دۇنياغا بويىچە ئەڭ نېپىز يانفون مەيدانغا كەلدى |
cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈندىكى خەۋىرى، يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان، تېلېفون مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتىمۇ ھەقىقەتەن تېز بولماقتا. مەيلى ئىقتىدار ياكى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى لايىھىلەشلەردە بولمىسۇن، بۇ ساھەدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېڭ يۈەن ۋېي پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بولغان بىر خىل تېلېفون لايىھە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
چېڭ يۈەن ۋېي بۇ لايىھىسىدە يانفوننىڭ بارلىق قىسىملىرىغا نىسبەتەن كىچىكلىتىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ماتېرىياللارنى تېجەش ئۇسۇلى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز ئەمەلىي يانفوننى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ يانفون ئەمەلىيەتتە بىر ۋاراق قەغەز بولۇپ، قەغەزلەرنىڭ ئۆز ئارا قاتلىنىشىدىن ستېرېئولۇق تېلېفون شەكىللەنگەن. ئۇ تېلېفونلار ھازىرلاش زۆرۈر بولغان ئەڭ دەسلەپكى ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش ھەم قۇلايلىق ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ يانفون ئېكران ۋە كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىقلار لايىھىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مودا بولغان يان تېلېفون (大哥大) دىن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن.
مەنبە: www.cnbeta.com
2011-05-02 11:56
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-2 12:57:40 ئۇقۇلۇشى: 535 قېتىم] |
|