مەدەنىيەت بازارلىرىنى پاش قىلىش تور بېكىتى ئېچىۋېتىلدى |
تېڭشۈن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈندىكى خەۋىرى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىغا نازارەتچىلىك قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، ئاممىسىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا پاش قىلىش؛ قانۇنسىز ئويۇن قويۇش، ساختا ناخشا ئېيتىپ، ساختا ئورۇنلاش، ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوبۇل قىلىش (بەزى ساغلام بولمىغان ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى) قاتارلىق مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ئەرزىيەت نىزامنامىسى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت بازىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 26 -كۈنى 12318 پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت بازارلىرىنى پاش قىلىش تور بېكىتى www.12318.gov.cn نى رەسمىي ئېچىۋەتتى. 12318 پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت بازارلىرىنى پاش قىلىش تور بېكىتى ئاساسلىقى ئاممىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، تىجارەت خاراكتېرىدىكى ئويۇن قويۇش، سەنئەت ئەسەرلىرى، تورخانا، تور ئويۇنلىرى، تور مۇزىكىلىرى قاتارلىق بازارلارغا ئائىت پاش قىلىشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ توربېكەتكە ئامما بىۋاسىتە تىزىملىتىپ كىرىپ، پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى يازالايدۇ. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى ئۇنى ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت بازارلىرى ئۇنىۋېرسال قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 2005-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى «12318» مەدەنىيەت بازارلىرىنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاممىنىڭ پاش قىلىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، زور دېلولارنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش، خەلققە قۇلايلىق سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. 12318 پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت بازارلىرىنى پاش قىلىش تور بېكىتى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت بازارلىرىنى باش قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلىنىدىغان بولۇپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-26 20:01:28 ئۇقۇلۇشى: 270 قېتىم] |
|