مىكروسوفت يېڭى نەشردىكى يانفوننى «ماڭگو» دەپ ئاتىدى |
cnbeta تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفت يېقىندا Windows Phone تور بېكىتىنى يېڭىلىغان بولۇپ، بۇ تور بېكەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى:« مىكروسوفت كېيىنكى نەشردىكى Windows Phone نى ‹ماڭگو› دەپ ئاتىماقچى». بۇ تور بېكەت بولسا ئاچقۇچىلار بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ مۇھىم بايلىق مەنبەسىدۇر. مىكروسوفت بۇ تور بېكەتتىكى ئۇچۇرلارنى تەستىقلاپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«‹ماڭگو› 2011-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ». مىكروسوفت يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بىز بۇ مەھسۇلاتىمىزنىڭ نامىنى بېكىتىشتە نەشرى نۇسخا نومۇرى ‹7› نى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچتۇق». بۇ مىكروسوفتنىڭ بۇ يۇمشاق دېتالنى ئاددىيلاشتۇرۇپلا Windows Phone دەپ ئاتايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مىكروسوفت يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ‹ماڭگو›غا تېخىمۇ ئىلغار ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ. بۇ ئىقتىدارلار ئابونتلارنىڭ Live ماشىنا ئادىمى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئاچقۇچىلار يەنە ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىك سېنزور ۋە كامېرا بېكىتىشى مۇمكىن. بۇلار ئابونتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجىدىن چىققۇسى». ئۇنىڭدىن باشقا، «ماڭگو» نىڭ IE9 تور كۆرگۈسى سەپلەنگەن ۋە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىدىغان Windows Phone يانفونىدۇر.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-25 18:19:36 ئۇقۇلۇشى: 444 قېتىم] |
|