ئامېرىكىنىڭ غەلىتە قانۇنلىرى |
ماسساچۇسېتس ئىشتاتى: ھۇجرىنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى ھىم ئەتمەي تۇرۇپ خورەك تارتىش مەنئى قىلىنىدۇ. مىچىگان ئىشتاتى: ئەگەر بۇلاڭچى ئۆيدە يارىلانسا، ئۆي ئىگىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنسا بولىدۇ. نېبراسكا ئىشتاتى: ئىبادەت قىلغاندا كىچىك بالا كېكىرسە، ئاتا-ئانىسى قولغا ئېلىنىدۇ. يېڭى مېكسىكا ئىشتاتى: بەدەن تۈكىنى تازلىمىغان ئاياللارنىڭ ئاممىۋىي سورۇنغا بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى: پىلنى كېۋەزلىكتە پاختا تېرىشكە سالسا بولمايدۇ. ئوكلاخوما ئىشتاتى: سىرتتىكى توڭلاتقۇ ئۈستىدە ئۇخلاش قانۇنغا خىلاپ. تېكساس ئىشتاتى: ئۆرە تۇرۇپ پېۋىنى ئۈچ يۇتۇمدىن ئارتۇق ئىچسە قانۇنغا خىلاپ. ۋاشىنگىتون ئىشتاتى سېئاتېل شەھىرى: ئاياللار ئاپتوموبىل، پويىز ياكى تىراللىبۇستا ئەرلەرنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرماقچى بولسا، چوقۇم سېلىنچا قويۇشى كېرەك. ۋاشىنگىتون ئىشتاتى: ئەرلەرنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىپپىتى بۇزۇلمىغان قىز بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، توي كېچىسىمۇ شۇنداق. ئوھىئو ئىشتاتى: ئەرلەر تويدىن كېيىن بىر يىلغىچە ئايروپىلانغا چوقۇم ئايالىنى بىللە ئېلىپ چىقىشى كېرەك. بىر يىلىدىن كېيىن يالغۇز چىقسا بولىدۇ. لويىزاننا ئىشتاتى: ئەر-ئاياللار كارۋات سېتىۋالغاندا، تەڭ يېتىپ سىناپ بېقىشىغا بولمايدۇ. ئىللىنو ئىشتاتى جۇلىيە شەھىرى: بىر دۇكاندا ئالتە قۇردىن ئارتۇق كىيىم سىنىسا قانۇنغا خىلاپ.
ــــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-22 19:34:01 ئۇقۇلۇشى: 971 قېتىم] |
|