بىر ئەر 10 ئادەمنى ئۆلتۈرۋېتىپ قېچىپ كەتتى |
مەنبە: news.qq.com
2011-04-15 12:51
شىنخۇا تورى شېنياڭ 14-ئاپرىل تېلگىراممىسى: ئەنشەن شەھىرىدە 14-ئاپرېل بىر قېتىمدا 10 ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتەك ۋەھشىي قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى، نۆۋەتتە ج خ ئورگىنى جىنايەتچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلىماقتا. 14-ئاپرېل، ئەنشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۋالدى، ئەنشەن شەھىرى نىڭيۈەن بازىرى ئېرتەيزى كەنتىدىكى نۇرغۇن ئادەم يۇيىنىدىغان ئاممىۋىي مۇنچا ۋە تام قوشنا بولغان ماشىنا يۇيۇش ئۆيىدىن، 10 ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان. ساقچى تەرەپ دەسلەپتىكى قەدەمدە دىققەتنى جىنايەت گۇماندارى جوۋ يۇشىن، ئەر، 33 ياش، بۇ يۇيۇنىش مەركىزى ۋە ماشىنا يويۇش ئورنىنىڭ باشقۇرغۇچىسىغا مەركەزلەشتۈردى. ساقچى تەرەپنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، جوۋ يۈشى 13-ئاپرېل كەچتىن 14-ئاپرېل ئەتىگەنگىچە، ئۆزىنىڭ ئايالى، ئوغلى، ئاتىسى، مۇنچىنىڭ بىر قىز مۇلازىمەتچىسى، يۇيۇنىش مەركىزىنى ئىجارىگە بەرگەن ئۆي ئىگىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ۋە ماشىنا يۇيۇش مەركىزىدىكى ئۈچ مۇلازىمەتچى بولۇپ 10 ئادەمنى ھەممىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.
ج خ مېنىستىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ج خ مىنىستىرىنىڭ رەھبىرى تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ئېرتەي كەنتىدىكى بىر ئادەمنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، بۇ مۇنچا يېڭى ئېچىلغان. يېنىغا يەنە بىر ماشىنا يۇيۇش ئورنى ئېچىلغان. 10 ئادەم زىيانكەچلىككە ئۇچرىغان بۇ دېلو، پۈتۈن دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئالاھىدە چوڭ دېلو بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ج خ مېنىستىرلىكىنىڭ مېنىستىرى شۆخېڭ جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش مۇتەخەسىسلىرىنى باشلاپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، دېلونى پاش قىلىشقا يېتەكچلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ج خ مىنىستىرلىكى رەھبەرلىرىمۇ بۇ مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. ئېرتەي كەنتى ئەنشەن شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، دائىملىق نوپۇسى 2869 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسى 7800 ئادەم بولۇپ، نوپۇس زىچ ئورۇنلاشقان، تەبئىي ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئىشچى-دېھقان ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ كەنت.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-15 18:57:12 ئۇقۇلۇشى: 898 قېتىم] |
|