قەشقەردىكى 3 زوراۋانلىق دېلوسىدىكى 7 ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-03-23 12:14
يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇنغا ئاساسەن قەشقەردىكى «11-نويابىر» ۋەقەسى قاتارلىق ئېغىر بولغان ئۈچ قېتىملىق تېرورلۇق جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ، نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق يەتتە ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەستىقلىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2008-يىلى 6-ئايدىن 2010-يىلى 10-ئايغىچە، جاۋابكار نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم، ئىمىن داۋۇت، ئەمەت توختى، جۈمە ئابدۇباسىت، ئەبەيدۇللا ئەزىز، نۇرئەلىجان تۇرسۇن، نۇرمەمەت ھۇشۇر، قۇربان نۇر، ئابدۇقادىر ساتتار، ئەركىن قادىر، ئەمەت قۇربان، ئابدۇللا ئەلى قاتارلىق 12 ئادەم كۆپ قېتىم يىغىلىپ، زوراۋانلىق تېرورلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن پۇل يىغىپ، قورال سېتىۋالغان. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، ئەمەت توختى ھەمراھلىردىن ئىمىن داۋۇت قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مارالبېشى ناھىيىسىدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا ئوغۇرلۇق قىلىۋېتىپ، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوغدىغۇچى مۇ xx نى ئۆلتۈرۋەتكەن. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق 12 ئادەم دېلو سادىر قىلىدىغان قوراللارنى ئېلىپ، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يېڭىشەھەر ناھىيىسى يېڭىئېرىق يېزىسىغا كېلىپ، تامنى ئۆرۈپ نى xx نىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن، ۋە نى xx بىلەن ئايالىنى تۇتقۇن قىلىپ، پۇل-ماللىرىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئىككەيلەننى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۋەتكەن. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەن، نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق كىشىلەر، دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى ئېلىپ، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئارال يېزىسىغا كەلگەن، ۋە بۆلۈنۈپ ياڭ xx ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، پۇل-ماللارنى بۇلىغان ۋە 6 ئادەمنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۋەتكەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلاڭچىلىق، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەت پاكىتلىرىغا ئاساسەن، جاۋابكار نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق يەتتە ئادەمنى ئۆلۈگە ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىپ، بۇ ھۆكۈمنى تەستىقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلودىكى قۇربان نۇر قاتارلىق ئۈچ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يېلى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، ۋە سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش جازاسىنى تەستىقلىغان؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلودىكى ئەمەت قۇربانغا مۇدەتسىز قاماق جازاسى، ئابدۇللا ئەلىگە مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. ئۇلار نازازلىق ئەرزى سۇنمىغانلىقتىن ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-24 10:35:04 ئۇقۇلۇشى: 986 قېتىم] |
|