18 ئوغۇل بالا 11 ياشلىق قىزغا نۆۋەلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلدى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-03-10 01:46
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-مارت تېلگىراممىسى شياڭگاڭ «مەدەنىيەت گېزىتى» 10-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى Cleveland دا 14 ياشتىن 27 ياشقىچە بولغان 18 نەپەر ئوغۇل بالا، ئۆتكەن يىلى تەشەككۈر بايرىمىدا 11 ياشلىق بىر قىزغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچلىق قىلغان، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك فىلىم مەكتەپتە تارقىلىپ يۈرگەن. قىزچاقنىڭ دوستلىرى دېلو يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ ئىشنى مەكتەپكە ئېيتقان، ھەمدە فىلىمدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنى تۇنۇپ بەرگەن، قىزچاقنىڭ دىيىشىچە شۇ كۈنى بىر جىنايەت گۇماندارى ئۇنى بىر كۆچمە ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ئەكىرگەن، كېيىن باشقا جىنايەت گۇماندارلىرى باستۇرۇپ كىرگەن، قىزچاقنىڭ دېيىشىچە باسقۇنچىلىق قىلغانلارنى 20 ئادەم ئىكەن. Cleveland ساقچى تەرەپ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى (4-مارت) تۆت نەپەر مۇشۇ رايونلۇق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قولغان ئالغان،ئۇلار 14 ياشقا توشمىغان قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش ئېغىر جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە ساقچىلار داۋاملىق تەكشۈرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتىشى مۇمكىن ئىكەن. بەزى جىنايەتچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ، بۇ ئىش تېزراق ھەل بولۇپ، زىيانكەچلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئادىللىققا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دېلودا جىنايەت گۇماندارلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ساراسىمىگە سالدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-3-11 10:47:36 ئۇقۇلۇشى: 854 قېتىم] |
|