ستىۋ.جوبزنىڭ سىز بىلمەيدىغان 10 چوڭ مەخپىيەتلىكى |
مەنبە: www.techweb.com.cn
2011-02-24 11:20
سىنا تورى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىلىم-پەن بلوگى SAI دا بۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە ستىۋى.جوبزنىڭ تېخى كىشىلەرگە ئايان بولمىغان 10 چوڭ مەخپىيىتى ئاشكارىلانغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، جوبزنىڭ زور تېرىشچانلىقى سەۋەبىدىن ئالما ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالما يەنىلا كەسپىي ساھەدە غايەت زور تەسىر كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىگەن. جوبزنىڭ يەنە بىز بىلمەيدىغان تۆۋەندىكىدەك 10 تۈرلۈك مەخپىيىتى بار بولۇپ، بۇلار نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. 1.[غەلىتە ئاكا-سىڭىل مۇناسىۋىتى] ئەمەلىيەتتە جوبزنىڭ بىر سىڭلىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى مونا.سىمپسون (Mona Simpson) ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ھەممە ئادەم ھېكايىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان داڭلىق يازغۇچىغا ئايلانغان. ئەمما، ئەڭ قىزىقارلىق يېرى جوبز خىلى چوڭغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر سىڭلىسىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن. مونا ئۆزىنىڭ تۇنجى ھېكايىسى <<باشقا يەرلەردە>> دېگەن ئەسىرىدە ئۆزى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاساسلىق تەسۋىرلىگەن. جوبز ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىلا باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىلارغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى كۆرۈشۈش نېسىپ بولغان. جوبىز ئاكا-سىڭىللار ھەر ئىككىلىسى ئاكا-سىڭىللىق مۇناسىۋەتنى كېچىكىپ بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار تۇرمۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان ۋە ئورتا تېرىشىش ئارقىلىق، ھەر ئىككىسى ئۆزىنىڭ ساھەسىدە داڭلىق كىشىلەرگە ئايلانغان. 2.[جوبىزنىڭ دادىسى: ئابدۇلفاتاخ.جاندالى] بەلكىم، جوبزنىڭ دادىسىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن. مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جوبز يېرىم سۈرىيە مۇسۇلمان قان سىستېمىسىغا كىرىدۇ. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى يەنىلا يەھۇدىي دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئۇ داۋاملىق باشقىلارنىڭ تەربىيىسىدە تۇرغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىكەن. 3.[جوبز قاتتىق دېتال ئويۇنچۇقى << مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىش>>(Breakout) نى ياسىغان] ئەينى ۋاقىتتا، جوبز Atari شىركىتىگە قاتتىق دېتال ئويۇنچۇقى <<مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىش>> ئويۇنچۇقىنى ياساپ بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن Atari شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانغانىدى. Atari شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نولان.بۇشنېل(Nolan Bushnell) جوبىس كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان ئاشخانا Chuck E. Cheese نى قۇرۇپ چىققانىدى. 4.[جوبىز ئۆزىنىڭ بىرىنچى بالىسى بىلەن بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى رەت قىلغان] جوبزنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى لىسا (lisa) بولۇپ، ئەمما جوبىز ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى رەت قىلىپ كەلگەن. ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گەرچە جوبز لسانى ئۆسمۈر ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا لىسانىڭ دادىسىغا ئايلانغان. ئەمەلىيەتتە، جوبىز 1975-يىلىدىن باشلاپ تۇنجى شەخس كومپيۇتېرىنى ئىشلەپچىقارغان ۋاقتىدىلا، بۇ كومپيۇتېرنىڭ نامىنى ئۆزى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى رەت قىلىپ كەلگەن قىزى لىسانىڭ نامى بىلەن <<لىسا كومپيۇتېرى>> دەپ ئاتىغانىدى. 5.[جوبز گۆشسىز تەرەپدارى ئىكەن] جوبز گۆشسىز تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ، گۆش تۈرلىرىدىن پەقەت بېلىق گۆشىنىلا يەيدىكەن. ئۇنىڭ تاماقلىرى ئادەتتە تۇخۇم ۋە كالا سۈتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىكەن. 6.[جوبز ئەزەلدىن خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمىغان] جوبز ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ بارلىق ساخاۋەت ئىشلىرىنى توختاتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:<<يەنە قاراپ باقايلى، كىرىمىمىزگە قاراپ بىر نېمە دەيلى>>. ئەمما، بۈگۈندىكى كۈندە ئالما شىركىتى غايەت زور پايدىغا ئېرىپ تۇرۇپمۇ، يەنى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مال-مۈلۈككە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمىغان. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگە -يەنى كەشىپ قىلىش ساھەسىگە قاراتقان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جوبز ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتەن سۆيىدىغان ئادەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كەشىپ قىلغانلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. 7.[ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا يالغان ئېيتقان] جوبز ۋوزنىك (Wozniak) بىلەن بىرلىكتە Atari شىركىتىگە <<مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىش>> دېگەن ئويۇنچۇقنى ياساپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىيلەن بۇنىڭدىن تەڭ كىرىمگە ئېرىشكەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا، Atari جوبىزغا 5000 ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن بولۇپ، جوبز ۋوزنىكقا Atari شىركىتىنىڭ ئۆزىگە ئاران 700 ئامېرىكا دوللىرى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ۋوزنىك جوبىزنىڭ ئۈلۈشى بويىچە 350 ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەن. 8.[جوبز بۇددا دىنى مۇرىتى ئىكەن] جوبز ئىلگىرى چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىپ راھىب بولۇشنى ئويلاشقان. ئۇ ئەمەلىيەتتە، بۇددا دىنىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ توغرىلىق ۋەز ئېيتىدۇ. 9.[ئۇ ئالىي مەكتەپتە تولۇق ئوقۇپ باقمىغان] بىل.گېيتىس بىلەن مارك.زاركىربىرگ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن چىققان. ئەمما جوبز Reed ئىنستىتۇتىدا ئاران بىر مەۋسۇم ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ باقمىغان. 10.[جوبز گاللۇتسىنوگېنىك (باش چايقاش كۇمىلىچى) يېگەن] جوبز ياش ۋاقىتلىرىدا گاللۇتسىنوگېنىك ئىچكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، جوبىزمۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەزگىللىرىنى ئېتىراپ قىلغان. ئالما شىركىتىنىڭ شوئارى <<ئاجايىپ قالتىس!>> بولۇپ، بەلكىم گاللۇتسىنوگېنىك ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن مەسىلىلەرنى ئويلاشقا ياردەم بېرەلىگەن مۇمكىن ئىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-24 15:48:27 ئۇقۇلۇشى: 578 قېتىم] |
|