ئامېرىكىلىق ئايال ئۆزىنىڭ سۈتىنى توردا ساتماقچى بولدى |
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا شىمالىي داكوتا ئىشتاتىدىكى بىر ئايال ئۆزىنىڭ سۈتى بەك كۆپ بولغانلىقتىن، توردا ئارتۇقچە سۈتىنى ساتماقچى بولغان. بۇ ئايالنىڭ ئىسىمى Breanna Clemons، بۇ يىل 26 ياش، توي قىلغان، ئىككى بالىسى بار. ئۇنىڭ دىيىشىچە، نۆۋەتتە ئۇ 200 خالتىدىن ئارتۇق سۈتىنى توردا ساتقان، سېتىلىش باھاسى ھەر ئۇنسىيە (تەخمىنەن 31 گرام) سى ئىككى دوللار ئىكەن. لىكىن ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنىڭ سۈتىنى سېتىۋالمىغان. چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، شىمالىي ئامېرىكا ئانا سۈتىنى ساقلاش بىرلەشمىسى ئانا سۈتىنى خالىغانچە سېتىشقا قارشى تۇرىدىكەن. بۇ بىرلەشمىنىڭ مەسئۇل خادىمى Jean Drulis، بىز تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ئانا سۈتلىرىنى خالىغانچە ئىئانە قىلىشنى تەۋىسيە قىلمايمىز، دىگەن. چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ بىرلەشمە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش HIV (ئەيدېز ۋىروسى)، جىگەر ياللۇغى ۋىروسى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن، ئوخشاش بولمىغان ئانا سۈتى ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ سۈتلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ساقلايدىكەن. ئۆزىنىڭ سۈتىنى ساتماقچى بولغان ئانا Breanna Clemons مۇنداق دىگەن، مەن ئۆزەمنىڭ داۋالىنىش خاتىرە ئۇچۇرلىرىم بىلەن تەمىنلەشنى خالايمەن، ھەمدە ئانا سۈتى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-21 15:17:35 ئۇقۇلۇشى: 1031 قېتىم] |
|