ئائىلىسىدىكى 6 جاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن قاتىل تۇتۇلدى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-02-18 11:52
شىنخۇا تورى 17-فېۋرال تېلگىراممىسى مۇخبىرنىڭ 17-فېۋرال تەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 16-فېۋرال تەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى بىر يىلدىن كۆپرەك قېچىپ يۈرگەن، 6 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جامائەت خەۋىپسىزلىكىنىڭ B دەرىجىلىك تورىدىن قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى جاڭ ** (ئەر، 34 ياش، خېبىي ئۆلكىسى لىڭتاۋ ناھىيسىدىن) نى قولغا ئالغان. 16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، خېبىي ئۆلكىسى شىجاجۇاڭ شەھىرى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتى تەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن جامائەت خەۋىپسىزلىكىنىڭ B دەرىجىلىك تورىدىن قېچىپ يۈرگەن بىر نەپەر جىنيەتچىنى تۇتىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ جىنايەتچى بىر ئائىلىدىك 6 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ يۈرگىلى بىر يىلدىن ئاشقان ئىكەن. شىجاجۇاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، تەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتى، شىجاجۇاڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتى بىرلىشىپ تېزلىكتە جىنايەتچىنى تۇتۇش ھەركىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى جاڭ ** تەييۈەن شەھىرىنى مەركەز قىلىپ ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەنلىگىنى ئىگەللىگەن. شۇ كۈنى، خەلق ساقچىلىرى تېزلىكتە زەربە بېرىپ، تەييۈەن شەھىرى يىڭزې رايونىدىكى جاڭ ** نى قولغا چۈشۈرگەن. سوراق قىلىش ئارقىلىق، جاڭ ** جىنايىتىنى تاپشۇرغان. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 21 دىن ئاشقان ۋاقىتتا، خېبىي ئۆلكىسى لىڭتاۋ ناھىيىسى مەنشەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق، جاڭ ** ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن ئايالى بىلەن جىدەللىشىپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، ئىچىدە غۇم ساقلاپ قويغان. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 ئەتراپىدا، جاڭ ** قېيىنئاتا، قېيىنئانا، ئايالى، ئوغلى، قىزى، جىيەنى قاتارلىق ئالتە ئادەم ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئالغان،ئالتە ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن.ئالتە ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، جاڭ ** كېچىدە قېچىپ كەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-18 12:03:17 ئۇقۇلۇشى: 784 قېتىم] |
|