مالايسىيا «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»دا 40 جۈپ قىز-يىگىتنى قولغا ئالدى |
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا ئىسلام ئەخلاق ساقچى ئىدارىسى تويدىن بۇرۇنقى قانۇنسىز بىللە تۇرۇش قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»دا ھەرىكەت قوزغاپ، مېھمانخانىدىن 40 جۈپ توي قىلمىغان قىز-يىگىتنى توختىتىپ قويغان، مالايسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر ئوفىتسېرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 14-فېۋرال كۈنى كەچتە نۇرغۇنلىغان مېھمانخانىلارنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، ياتاق ئاچقۇزغان «ئاشىق-مەشۇق »لارنى تۇتقان، ئۇلار «ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىپ كېتىش»جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىنكەن.
___ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-18 11:56:42 ئۇقۇلۇشى: 696 قېتىم] |
|