مىسىردا ئېلىپ بېرىلغان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە 365 نەپەر پۇقرا قازا قىلدى |
25 - يانۋار ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر قاھىرە كوچىلىرىدا نامايىش ئېلىپ بارماقتا ( ماتېرىيال سۈرەت )
مىسىر سەھىيە مىنىستىرى ئەخمەدى فارىد 16 - فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا : ‹‹ دەسلەپكى ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 25 - يانۋاردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە 365 نەپەر پۇقرا قازا قىلىپ ، 5500 ئادەم يارىلاندى ›› دېدى .
فارىد يەنە : ‹‹ سەھىيە ۋە قانۇن دوختۇرلىرى ئورگىنى توپلىغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ سانلىق مەلۇمات يەنە ئېشپ بېرىشى مۇمكىن ›› دېدى .
فارىد ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات ساقچىلار ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىدىكى قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن . مىسىرنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى بولغان ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14 - فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە ، مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە 32 نەپەر ساقچى قازا قىلغان ، بۇنىڭدىن باشقا 1079 نەپەر ساقچى ۋە ئەسكەر يارىلانغان .
25 - يانۋاردىن بۇيان ، مىسىردا ئۇدا كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بېرىپ ، ئېتىرازچىلار زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ساقچىلار ۋە مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىققان . 11 - فېۋرال ، مۇبارەك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوراللىق قىسىمنىڭ ئەڭ ئالىي كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ، ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى تىنجىشقا باشلىغان . مىسىر قوراللىق قىسىمنىڭ ئەڭ ئالىي كومىتىېتى 15 - فېۋرال بۇيرۇق ئېلان قىلىپ ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كومىتېتىنى قۇرغان ھەمدە بۇ كومىتېتنىڭ 10 كۈن ئىچىدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تاماملىشىنى تەلەپ قىلغان . ھەربىي تەرەپ ، ئالتە ئايدىن كېيىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى ، ھوقۇقنى خەلق سايلىمى ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-18 11:55:43 ئۇقۇلۇشى: 413 قېتىم] |
|