يۈرىكى ئوڭ تەرەپتە بولغان قىزچاق |
ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغان تۇغۇلغىلى ئەمدىلا يېرىم ئاي بولغان قىز بوۋاق چېن چېن(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ داۋالىتىلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ كىچىك بوۋاق بالىلار بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى: چېن چېننىڭ ئىچىكى ئەزالىرى خۇددى ئەينەكتىكى ئەكسىگە ئوخشاش كۆرۈنگەن ئىدى، نورمال ئادەملەرنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار 3-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ رۈيۋېننىڭ دېيىشىچە، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئورنى ئەكسىچە بولۇپ ئەگەر باشقا نورمالسىزلىق بولمىغان تەبىئىي غەيرىيىلىك ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.
زۇكامداپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىش
ئىچكى ئەزالىرىنىڭ «ئاسمان-زىمىن ئالمىشىپ»قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش باھار بايرىمى مەزگلىدە، ئەمدىلا تۇغۇلغان چېن چېن زۇكامداپ قالغان، توختىماي يۆتىلىپ، كېييىنچە تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن. 10-فېۋرال، ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتقان. 13-فېۋرال، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىراق تەكشۈرۈش مەقسىتىدە، دوختۇر بوۋاقنى رەڭلىك سۈرەتكە ئېلىش ئاپراتىدا تەكشۈرۈپ، چېن چېننىڭ يۈرىكىنىڭ ئورنىنىڭ ئاسمان-زىمىن ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى، سول كۆكرەك تەرەپتە بولۇشقا تېگىشلىك يۈرەكنىڭ ئوڭ تەرەپتە سوقىۋاتقانلىقىنى، قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالارنىڭمۇ ئەكسىچە ئورۇندا ئىكەنكىنى، ئوڭ تەرەپتە بولۇشقا تىگىشلىك جىگەرنىڭ سول تەرەپتە، سول تەرەپتىكى تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئوڭ تەرەپتە ئىكەنلكىنى بايقىغان. چېن چېننىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ ئىنتايىن ھەيران قالغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/2/18 11:42:43 ئۇقۇلۇشى: 439 قېتىم] |
|