فوتوگرافلار يېقىندا بىرازىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەبىلىلەرنىڭ بىر تۈركۈم تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلغان بۇ ئورمان قەبىلىلىرى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان . تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ھازىرمۇ دۇنيادا مۇشۇنداق ئورمان قەبىلىسىدىن 100 ى بار ئىكەن.
بۇ قەبىلىلەرنىڭ كۆپى ئامازون رايونىدا ياشايدۇ ، ئۇلار تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ تىرىك قاتمىلىرى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق تەسۋىرلەش ئانچە ئادىل ئەمەس، چۈنكى بىز تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىنى بىلمەيمىز ، شۇڭا، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلغان بۇ مەدەنىيەت بەلكىم ئىزچىل ئۆزگىچە خاس ئۇسۇلدا راۋاجلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
بىراق ، ئورماندا ياشاۋاتقان بۇ قەبىلە ئاھالىلىرى دەرۋەقە كېسەللىك ۋە زامانىۋى تەرەققىياتنىڭ تەھدىتىگە يەتكۈچە ئۇچراۋاتىدۇ ، ئەگەر ئۇلار ھايات قالماقچى بولىدىكەن، چوقۇم سىرتقى دۇنيانىڭ ياردىمىگە تايىنىشى كېرەك.