يۈك ساندۇقىدىكى يولۇچىلار ساقچىنى قورقۇتىۋەتتى |
باھار بايرىمىلىق توشۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىقا باشلىدى. 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن ئاشقاندا، يوجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا بىرئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى ساقچىنى ھەيران قالدۇردى. 43 كىشىلىك ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىغا 51 يولۇچى ئولتۇرغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە 7 يولۇچى يۈك ساندۇقىغا يوشۇرۇنغان. قاتناش ساقچىسى بۇ يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىنى تەكشۈرىۋاتقاندا يۈك ساندۇقىغا قاچىلىنىشقا تېگىشلىك يۈكنىڭ ماشىنا ئىچىگە قاچىلانغانلىقىنى كۆرگەن. ساقچى ئەھۋالنى ئىنىقلاش ئۈچۈن يۈك ساندۇقىنى تەكشۈرگەندە قورقۇپ كەتكەن.تار پەس يۈك ساندۇقىدا ھەر خىل قىياپەتتە ئولتۇرغان 7 ئادەم تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ساقچىنى كۆرۈپ قېتىپلا قالغان. «يۈك ساندۇقىغا ئولتۇرۇش تولىمۇ خەتەرلىك، ئەگەر ماشىنى تۇيۇقسىز توختىغاندا يۈكلەر ئادەمنى بېسىۋىلىشى ، ماشىنا خەتەرگە يولۇققاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قىلىشى مۈمكىن»ساقچىلار بۇ شوپۇرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 12 نومۇرىنى تارتىۋەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-14 13:18:47 ئۇقۇلۇشى: 465 قېتىم] |
|