شىۋاشىڭگىر قايتىدىن كىنو ساھەسىگە قەدەم قويۇشقا تەييارلىق قىلدى |
12-فېۋىرال چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋاشىڭگىر كالفورنىيە شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ كونا كەسپىنى يەنى كىنو ئارتىسلىق كەسپىنى قىلىش-قىلماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەندى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ كونا كەسپىنى قىلىدىكەن. يېقىندا شىۋاشىڭگىر ئۆزىنىڭ كونا كەسپىنى قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانلىقىنى، ۋە قايتىدىن كىنو ساھەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كالفورنىيە شىتاتىنىڭ بۇ سابىق شىتات باشلىقى مۇنداق دىدى؛« كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر. مېنىڭ CAA شىركىتىدىكى دوستۇم يەتتە يىلدىن بۇيان مېنىڭ قايتىدىن كىنو ساھەسىگە كىرىشىمنى ئۈمۈد قىلىپ كەلگەندى. مانا بۈگۈن مەن ئۇلارغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردىم.». ھازىرغا قەدەر CAA شىركىتى بۇنىڭغا قارتا ئىنكاس قايتۇرمىغان. لېكىن شىۋاشىڭگىر بۇنداق دىگەن ئىكەن، ئۇنىڭ قايتىدىن كىنو ساھەسىگە قەدەم قويۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-13 12:10:16 ئۇقۇلۇشى: 531 قېتىم] |
|