ئونسۇ ناھىيەسىدە بىر ئەر ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالدى |
2010-يىلى 27-دېكابىر، ئەتىگەن سائەت ئۈچتىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئونسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتى تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانىدىن كەلگەن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۋېلىپ نەق مەيدانغا باردى. نەق مەيداندا ئەر-خوتۇى ئىككەيلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت ئۈچتە 54 ياشلىق ئەر شاۋچياڭ ئائىلە زىدىيىتى تۈپەيلىدىن ئايالىنى ئۆلتۈرۋېتىپ، ئۆزى زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەر-خوتۇن ئائىلىسىدە ياشانغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسىدە كېلىشەلمەي زىدىيەتلىشىپ قالغان، ئەر ئايالىنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان.
____ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-13 12:07:41 ئۇقۇلۇشى: 699 قېتىم] |
|