ئىسلاندىيە ياشاش قىيىن دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى ئاساسەن قار-مۇز بىلەن قاپلانغان ياكى چۆللۈك بولۇپ، يەر كۆلىمىنىڭ %70ى ئىنسان ياشاشقا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ زېمىنى ئىرېلاندىيەدىن كۆپ بولسىمۇ، ئارانلا 23 مىليون نوپۇسى بار، ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي جەنۇبتىكى پايتەخت رېيكياۋىك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر-بازارلاردا ياشايدۇ.
ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، مەدەنىيەت تەۋەلىكى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلى مەدەنىيەت قاتلىمىغا تەۋە. ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تىلى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدا ئومۇملاشقان شىمالىي ياۋروپا تىلى. ئىسلاندىيەلىكلەر كىتابخۇمار، يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان مىللەت بولۇپ، ئوتتۇرىچە كىتاب سېتىۋېلىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسلاندىيەنىڭ قىش پەسلىدە كۈندۈزى قىسقا بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونغىچە تاڭ يورۇمايدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولمايلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ شامىلى ۋە دېڭىز ئېقىمى ھاۋانى سوغۇق ۋە قۇرغاقلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەكسىچە، ياز ئايلىرىدا يېرىم كېچىدىمۇ قۇياشنى كۆرگىلى بولىدۇ. قۇياش شىمالدىكى ئۇپۇق سىزىقىدىن ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇپ، ئارقىدىن يەنە كۆتۈرۈلىدۇ. ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك بولۇپ، تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ.
بۇ ئەلدە ھەممە ئىش ئىسلاندىيە تارىخى بىلەن زىچ باغلانغان. ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى پادىشاھسىز دۆلەت. ئىسلاندىيە پارلامېنتى مىلادى 930–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي پارلامېنت ھېسابلىنىدۇ. 1262-يىلى، ئىسلاندىيەلىكلەر نورۋېگىيەگە ئەل بولۇپ، مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى يوقاتمىغان. كېيىن، ئىسلاندىيەلىكلەر بىر نەچچە ئەسىرگىچە دانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ ئېزىلگەندىن سىرت، ناچار كېلىمات پەيدا قىلغان ئېغىر نامراتلىق ۋە بىر قاتار تەبىئىي ئاپەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ناچار شارائىتلارغا تىز پۈكمەي، يۇرت-ماكانىنى قوغدىغان. ئىسلاندىيە شېئىرلىرىدا ۋەتەن مۇھەببىتى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار دۆلىتىنىڭ تارىخىدىن پەخىرلىنىش بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ.
ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇلار ياشاش مۇھىتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان يانارتاغقا مۇھەببەت باغلىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن قورقمىغان، ھەتتا ئۇنى بويسۇندۇرغان. مەسىلەن: 1973-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدە، خېمېي ئارىلىدىكى بېلىقچىلار كەنتىگە يېقىن جايدا يانارتاغ پارتلىغان، ئەتىسى سەھەردە، ئارالدىكى 5000 ئاھالە پايتەختكە بىخەتەر چېكىنگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يانارتاغ بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان كۈرەشنى باشلىغان. تاغلىق كەنت چوغدەك يېنىپ تۇرغان ۋولقان كۈلى ۋە ماگمىنىڭ ئاستىدا قالغان، توپ-توپ پىدائىيلار قايتۇرما زەربىگە ئۆتكەن. ئۇلار دېڭىز پورتىنى زىياندىن ساقلاش ئۈچۈن، سۇ پومپىسى بىلەن نەچچە مىليون گاللون دېڭىز سۈيىنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز يامراۋاتقان ماگمىغا چېچىپ سوۋۇتقان ھەم ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن تاغ جىنسلىرى بىلەن توساق شەكىللەندۈرۈپ، ماگما ئېقىنىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن. بەش ئايدىن كېيىن يانارتاغ پارتلاشتىن توختىغان، ماگما ئېقىنى تىزگىنلىنىپ دېڭىز پورتى ئامان قالغان. خېمېيدا يېپيېڭى، مەزمۇت دولقۇن توسۇش دامبىسى شەكىللەنگەن.
بۈگۈنكى خېمېي گۈللەنگەن، ئاۋات دېڭىز پورتىغا ئايلاندى. كەنتتىن چېكىنگەنلەر قايتىپ كېلىپ يۇرتىنى قايتا قۇردى. ماگمىلارنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقى قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ پار بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەبىئىي يېقىلغۇسىغا ئايلاندى، بۇ ئىنسانلارنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم يانارتاغ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-2-10 20:27:07 ئۇقۇلۇشى: 488 قېتىم] |
|