يىگىتىنى تىللىغان قىز سوتقا تارتىلدى |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 25 ياشلىق ۋۇلى ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ يىگىتىنىڭ تاشلاپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، كۈندە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ «ئۈجمە كۆڭۈل» دەپ تىللىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئاغىنىلىرىغىمۇ قىسقا ئۇچۇر يوللىغان. يىگىت بۇنىڭغا چىدىماي ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ۋۇلىدىن 10 مىڭ يۈەن روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ۋۇلى 2007-يىلى جۇ لىن بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ بىر مەزگىل ئارلاشقاندىن كېيىن بىللە تۇرغان، بىراق ئۇ جۇ لىننىڭ مۇھەببەتتە ئەستايىدىل ئەمەسلىكى، دائىم تېلىفۇندا باشقا قىزلار بىلەن ئۇزاق پاراڭلىشىشىدىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن جىدەللەشكەن. جۇ لىن باش-ئاخىرى چىقمىغان بۇ جىدەلدىن زېرىكىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن.
____ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-1-6 12:53:49 ئۇقۇلۇشى: 1336 قېتىم] |
|