تۈركىيەدىكى ئىككى مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى دامبا ياساش زۆرۈرىيىتىدىن قايتا كۆمۈۋېتىلدى |
بېيجىڭ ۋاقتى 31 - دېكابىر خەۋىرى : ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، دامبا ياساش زۆرۈرىيىتىدىن، 2000 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە تۈركىيە قەدىمىي شەھىرى ئارىيانوي (Allianoi) قېزىلىپ ئون يىلدىن كېيىن قايتا كۆمۈۋېتىلگەن، بۇ قىلمىش ئارخېئولوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان.
قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ سۇ بىلەن داۋالاش مەركىزى
بۇ ماتېرىيال سۈرەتتىكىسى ئارىيانوي شەھىرىنىڭ 2 - ئەسىردىكى قەدىمىي رىم خارابىسىنىڭ بىر بۆلىكى، ئۇ قېزىلىپ يورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. لېكىن، ئارىيانوي شەھىرىنىڭ قالغان ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلىرىغا ئوخشاشلا، بۇ قۇرۇلۇشلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە يەنە قۇمغا كۆمۈۋېتىلدى.
ئارىيانوي شەھىرى 2000 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولۇپ، شەھەردە ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان يۇيۇنۇش كۆلچىكى ۋە تەبىئىي ئارىشاڭلار بار بولغاچقا، رىم ئېسىلزادىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇلار ئۇ يەرگە بەس - بەستە كېلىپ سۇ بىلەن داۋالاشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسىدىن بەھىر ئالغان. ئارىيانوي قەدىمىي شەھەر خارابىسى 1998 - يىلى بايقالغان بولۇپ، پەقەت بىر قىسمىلا قېزىلغان. ھالبۇكى، مۇكەممەل ساقلانغان بۇ خارابىلىك بۈگۈنكى كۈندە دەل ياساش ئىلتىماس قىلىنغان بىر دامبىنىڭ لىنىيەسىگە توغرا كېلىپ قالغان. بۇ تەكلىپتىن قارىغاندا، كەلكۈن ئارىيانوي شەھىرىنى بېسىپ، سۈنئىي سۇ ئامبىرىغا ئايلاندۇرىدىكەن.
يورتانلىق دامبىسى ياسالسا، (Yortanli Dam) نەچچە مىڭ ئاكر (ئىنگلىز موسى) ئېتىزنى سۇغىرىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن، شۇڭا تۈركىيە ئېگېي دېڭىزى بويىدىكى دېھقانلار بۇ تۈرنى ئىنتايىن قوللىغان. تۈركىيە ئەمەلدارى ئارىيانوي شەھىرىنى سۇ بېسىپ كېتىشتىن بۇرۇن قۇم بىلەن كۆمۈۋېتىپ، بۇ رىم خارابىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا كۆمۈش خىزمىتىنى تاماملىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، يورتانلىق دامبىسى قۇرۇلۇش تۈرى يەنىلا زور قارشىلىققا دۇچ كەلگەن، مەيلى سوت مەھكىمىسى ياكى تەبىئەتنى قوغدىغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسى بۇ تۈرگە قەتئىي قارشى تۇرغان.
قەدىمىي شەھەر خارابىسى قۇم بىلەن كۆمۈۋېتىلمەكتە
ئارىيانوي شەھىرى دۇنيادا ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي يۇيۇنۇش ۋە سۇ بىلەن داۋالاش ئورنىنىڭ بىرى بولۇپ، 2010 - يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ قۇمغا كۆمۈلۈپ ئاستا - ئاستا غايىب بولغان. بۇ يىل ئاۋغۇستتا، يەرلىكتىكى بىر مۇھىت ئاسراش كومىتېتى ئارىيانوي قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى قايتىدىن كۆمۈۋېتىشنى قارار قىلىپ ، پائالىيەتچىلەر ۋە ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن ھىمايە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بىراق، ئىستانبۇل بىناكارلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەركان ئەرتۇغرۇل (Erkan Ertugrul ) يېقىندا تۈركىيە يەرلىك گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ‹‹ۋاقتى ئۆتكەن بۇ ئۇسۇل خارابىلىكنى قوغدىيالمايدۇ، ئەكسىچە ۋەيران قىلىدۇ››.
سۇدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يۇمىلاق تۈۋرۈكلەر
سۇدىكى ئايال ئىلاھ ھەيكىلى
تۇمان باسقان تاش ئەگمە ئىشىك
تەبىئىي ئارىشاڭ
يورتانلىق دامبىسىنى قۇرۇشقا قارشى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى بەلكىم ئارىيانوي قەدىمىي شەھىرىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئەرزىشىدىكىبىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر سەۋەب بولسا، تېخىمۇ زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى. بەزى كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئارىيانوي شەھىرىنىڭ %75 كە يېقىن جايى تېخى قېزىلمىغان ئىكەن.
قەدىمىي رىم كۆلچىكى سۇ مەنبەسى
ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئارخېئولوگى نادىن موللېر (Nadine Moeller) مۇنداق دېدى: ‹‹مېنىڭچە، ئەگەر ئارىيانوي شەھىرى قۇمغا كۆمۈۋېتىلسە، مۇكەممەللىكىنى يەنىلا ساقلاپ قالالالىشى مۇمكىن. روشەنكى، كەلكۈن ياغاچ ياكى رەڭلىك تام سىزمىلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇ نەرسىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا ئامال يوق. لېكىن، مېنىڭچە، ئۆي - ئىمارەت ۋە ساپال بۇيۇملار يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. مەسىلە شۇكى، دامبا قۇرۇلسا، كىشىلەر قاچان كۆل ئاستىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەرنى كۆرەلەيدۇ، قاچان قايتا قېزىپ چىقىدۇ؟››.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-1-3 12:06:46 ئۇقۇلۇشى: 413 قېتىم] |
|