ئامېرىكىنىڭ «قۇلىقى» زەھەر ئەتكەسچىسى ئىكەن |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگىتون، 13-دېكابىر تېلگېراممىسى: ئامېرىكىدىكى «نيۇيورۇك ۋاقىت گېزىتى» ئۈلۈشكۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستانلىق جۈمەخۇن ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ، ئۇ سوتتا «زەھەر ئەتكەس قىلغان ۋە تالىباننى قوللىغان» دەپ ئەيىبلەندى. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئەمەلىيەتتە جۈمەخۇن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى «قۇلىقى» ئىدى، ئۇ تالىبان ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ھەركىتىگە دائىر ئۇچۇرنى ئامېرىكىغا ۋاقتىدا ئەۋەتىپ تۇراتتى، بىراق ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ يىل جۈمەخۇننىڭ ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى ئىكەنلىكىنى، مەخسۇس ياۋروپاغا زەھەر يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. ــــــــ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-12-14 18:36:32 ئۇقۇلۇشى: 508 قېتىم] |
|