ئايالى بىلەن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاتىل ئۆلۈمگەبۇيرۇلدى |
ئۆز خەۋىرىمىز: قايتا توي قىلغان شۈگۇاڭجۇ ئايالى بىلەن ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن دائىم ئۇرۇشاتتى، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئۇششاق زىددىيەتلەر ئىچىنىشلىق بىر ئەنزىگە ئايلاندى. شۈگۇاڭجۇ نوغۇچ ۋە ئۆتكۈر چەيدۇ بىلەن ئايالى ۋە ئۆگەي ئوغلىنى ئىچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۋەتتى. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، شۈگۇاڭجۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك سوتنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا ئاساسەن بۇ ھۆكۈم ئىجرا قىلدى. بۇلتۇر 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، شۈگۇاڭجۇ ئايالى بىلەن ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ، ئايالى ئۇنى تىللىغاندىن كېيىن قولىدىكى نوغۇچنى ئايالىنىڭ بىشىغا قارىتىپ ئاتقان، بۇ ۋاقىتتا ئۆگەي ئوغلى ئۇنى تارتقان شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆگەي ئوغلىنى ئۇرۇشقا باشلىغان ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ كۆزىنى قىزارتىۋەتكەن، قولىغا چىققان ئۆتكۈر پىچاق بىلەن ئوغلى ۋە ئايالىنىڭ بويۇن باشلىرىغا قالايمىغان چىپىشقا باشلىغان، قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئايالى بىلەن ئۆگەي ئوغلىنىڭ پىچاق زەربىسى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى، قاتىل 1- ئاينىڭ 27- كۈنى تۇتۇلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-12-4 14:59:50 ئۇقۇلۇشى: 763 قېتىم] |
|