شىنجاڭدا ئىككى يىلدا جەمئىي 120 نەچچە قېتىملىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسى پاش قىلىنىپ ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل قايتۇرۇۋېلىندى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى2-دېكابىر

شىنجاڭ ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى چوڭ دېلولار شۆبە ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ جاۋيى تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا

شىنجاڭ ج خ نازارىتى ئاخبارات باياناتچىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 30–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ج خ نازارىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ‹ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا مەخسۇس زەربە بېرىش پائالىيىتى›نى قانات يايدۇرۇپ ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 34 نى تۇتقانلىقىنى ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسىدىن 120 نەچچىسىنى پاش قىلغانلىقىنى ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
شىنجاڭ ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى چوڭ دېلولار شۆبە ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ جاۋيىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئالداش ئۇسۇلىنى تۈرگە ئايرىغاندا ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تېلېگراف ئالدامچىلىقلىرى ئاساسلىقى : يالغاندىن تېلېگراف ئىدارىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ، تەپتىش مەھكىمىسى ، سوت مەھكىمىسى ، باج ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش ؛ زىيان تارتقۇچىنىڭ تونۇشى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش ، ساختا پاي چېكى ياكى تىجارەتكە مەبلەغ سېلىش مەزمۇنىدىكى ‹بېلىق تۇتقۇچى› تور بېكىتى ئالدامچىلىقى ؛ يالغاندىن پەرزەنتى تۇتقۇن قىلىندى ياكى سىرىتتا يارىلاندى ، كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالدى دېگەن باھانە بىلەن پۇل ئەۋەتكۈزۈپ ئالدامچىلىق قىلىش ؛ پۇل ياندۇرۇش ، باج ياندۇرۇش ئالدامچىلىقى ؛ توردىن مال سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى ، شۇنداقلا يانفون ئۇچۇرى ئالدامچىلىقىغا ئايرىلىدىكەن .
ساقچى تەرەپ كەينى–كەينىدىن يۈز بەرگەن تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قارىتا يەتتە تۈرلۈك ساقلىنىش كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلدى :
1. ج خ ، تەپتىش ، قانۇن ئورگانلىرى ، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ھەرگىزمۇ ئاتالمىش ‹ نېسى تېلېفون ھەققى › مەسىلىلىرىنى تېلېفوندا بىر تەرەپ قىلمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ خىل ئالدامچىلىققا ئىشەنمەسلىك كېرەك . دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ، ج خ ئورگانلىرى ئەنزە رازۋېدكا قىلغاندا ، تېلېفوندا ئاممىنىڭ ھېسابات نومۇرى ، مەخپىي نومۇرى ، قاتارلىق شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى سورىمايدۇ ، ‹بىخەتەر ھېسابات نومۇرى› بىلەن تەمىنلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
2. ناتونۇش ئادەمنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندا چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ سالاھىتىنى جەزملەشتۈرۈڭ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئالدىراپ پەرەز قىلماڭ ، قارشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قارشى تەرەپنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى رەت قىلىڭ .
3 . بەزى جىنايەت گۇماندارلىرى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق زىيانلانغۇچىنىڭ پەرزەنتى ياكى ئۇرۇق–تۇغقان ، دوستلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرى ئىسىم–فامىلىسى قاتارلىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ ، ئاندىن ، زىيانلانغۇچىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزىدە تېلېفوندا زىيانلانغۇچىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئىسمى ياكى تېلېفون نومۇرىنى توغرا ئېيتىپ بېرىپ ، زىيانلانغۇچىنى ھودۇقتۇرۇپ ئالداپ كېتىدۇ . بۇ خىل تېلېفوننى ئالغاندا ، ھودۇقماڭ ، پەرزەنتىڭىزنىڭ تېلېفونىغا ياكى ساۋاقدېشى ، دوستلىرى ، مەكتىپى قاتارلىق باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا تېلېفون ئۇرۇپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەڭ .
4. ئەزا بولۇش ، پىرسەنت ئاجرىتىش نامى بىلەن پايچىكلارنى پۇل تاپشۇرغۇزغاندىن كېيىن ، پايچىكلارغا يۇقىرى سەۋىيەلىك پاي چېكى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بىلەن تور بېكىتىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز . ساختا شىركەت ياكى ئورگان شۇنداقلا تور بېكىتىنىڭ خېلى ئوبدان پايدا يارىتىشتىن ئىبارەت ساختا ئېلانلىرىغا ئىشەنمەڭ ، جىنايەتچىلەرنىڭ ‹بېلىق تۇتۇش› ئۇسۇلى بىلەن ئالدىشىدىن ساقلىنىڭ .
5. قۇرۇقتىن قۇرۇق كەلگەن مۇكاپاتلىنىش ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدامچىلارنىڭ قۇرغان ئالدام خالتىسى ئىكەنلىگە قەتئىي ئىشىنىڭ .
6. ھەرقانداق ناتونۇش ئادەم تېلېفوندا ، قىسقا ئۇچۇردا ، سىزنىڭ ئامانەت قويغان پۇلىڭىزنى باشقا ھېساباتقا يۆتكەشنى ، پۇل ئەۋەتىشنى ، ياكى سىزنى بىخەتەر ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلەپ ، سىزنىڭ ئامانەت قويغان پۇلىڭىزنى قوغداش تەلىپىنى قويسا بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ .
7. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، تېلېگراف ئالدامچىلىرى ئالاھىدە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەرخىل تېلېفون نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ، زىيان تارتقۇچىنىڭ تېلېفونىدا زىيان تارتقۇچىنىڭ ئائىلە ئەزاسىنىڭ ، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى چىقىرىپ ، زىيان تارتقۇچىنى ئىشەندۈرىۋېدۇ . كەڭ ئامما بۇنداق گۇمانلىق تېلېفون ، ئۇچۇر قوبۇل قىلغاندا ئاسانلىقچە ئىشەنمەي ، سوغۇققان بولۇپ ، گۇمانلىق تېلېفون ، ئۇچۇرنىڭ راست–يالغانلىقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈشى ، ئائىلىسىدىكىلەر ، دوست–بۇرادەرلىرى بىلەن كۆپرەك مەسلىھەتلىشىشى ، ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانا ، بانكا ئورۇنلىرى ، تېلېگراف تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن سۈرۈشتۈرۈشى ، ھەرگىز ناتونۇش ئادەمگە پۇل ئەۋەتمەسلىكى ، بانكىنىڭ مەخپىي نومۇر ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىماسلىقى ، باشقىلارنىڭ تېلېفوندا بەرگەن كۆرسەتمىسى بويىچە ئاپتوماتىك پۇكەيدە مەشغۇلات قىلماسلىقى كېرەك .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-12-2 16:25:04 ئۇقۇلۇشى: 515 قېتىم] |
|